كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر كېڭەيتىش، مەخسۇسلاشتۇرۇشقا كۈچەش، ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر كېڭەيتىش، مەخسۇسلاشتۇرۇشقا كۈچەش، ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي ئىرادىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ھەم 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى كۆزىتىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا ھوقۇق بېرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەم ۋەزىپە تەقسىملەش توغرىسىدىكى قارار ئېلان قىلىندى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر كېڭەيتىش، مەخسۇسلاشتۇرۇشقا كۈچەش، ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىي كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مۇھىم، زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، شەكىللىك قاپلاش بىلەن ئۈنۈملۈك قاپلاشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق ئىشلار، نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ ۋە ئاشكارىلاپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش - تەكشۈرۈشكە ئاساسەن تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىلگەن، تەكشۈرۈلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈزىتىشى كۈچلۈك بولمىغان، ئەپلەپ - سەپلەپ ئىش قىلغان، ساختا تۈزەتكەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش - تەكشۈرۈش بويىچە يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، نازارەت قىلىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش، نازارەت قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنى تەكشۈرۈشنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەنت(مەھەللە)لەرنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ باشقا نازارەتچىلىك بىلەن بولغان ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇلغان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆزىتىش - تەكشۈرۈش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خادىملار قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىدار - سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولغان كۆزىتىش - تەكشۈرۈش پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدىكى ۋەزىپە، تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ماس ھالدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، كۈچەپ مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك. دىققەتنى تەرەققىيات بىلەن خەپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك فۇنكسىيەسى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەرگە قارىتىلغان دائىملىق كۆزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ دىققەتنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىغا قارىتىلغان دائىملىق كۆزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان مەخسۇس كۆزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ دىققەتنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگانلىرى ۋە پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈملىرىگە قارىتىلغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ كۆزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە، ھادىسىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە تۈزۈم مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە چۆچۈتۈش كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىپىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن يىغىنغا قاتناشتى، تيەن شياڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.