شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى شەھەرلەردە بازارغا سېلىش

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ليۇ دۇڭلەي

ۋاڭ ۋېنخۇي بىلەن تونۇشۇش بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىقتىن بولدى.

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» شۆبە ئەترىتىدىكىلەر خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. بىر كۈنلۈك زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كەچقۇرۇن ئاشخانا ئىزدەۋاتقاندا، يول بويىدىكى «شىنجاڭ» دېگەن خەت يېزىلغان بىر دۇكاننى تاسادىپىي كۆرۈپ قالدۇق. شۆبە ئەترەت ئەزالىرى ھاياجانلانغان ھالدا دۇكانغا كىردۇق.

كۆممىقوناق، ئۇن، لازا قىيامى، قوغۇن، تاۋۇز، چىلان، ياڭاق، قېتىق، قارىئۆرۈك شەربىتى، سۈت پىۋىسى، زاراڭزا يېغى، كولباسا، سوغۇق سۇ بېلىقى... كۆزنى قاماشتۇرىدىغان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى مۇخبىرلارنى ئىختىيارسىز ھەيران قالدۇردى: «ماللار شىنجاڭدىكى بەزى تاللا بازارلاردىكىدىنمۇ تولۇق ئىكەن».

«دۇكىنىمىزدىكى بەزى مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ!» دېدى مال رەتلەۋاتقان ۋاڭ ۋېنخۇي ئالدىمىزغا چىقىپ مەغرۇرلانغان ھالدا.

بىزنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىمىزنى بىلىپ، شىنجاڭنىڭ تولى ناھىيەسىدىن كېلىپ جېڭجوۋدا بازار ئاچقان «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» بۇ يىگىت قاتتىق ھاياجانلاندى. «كېلىڭلار، قېنى ئولتۇرۇڭلار، بىز پاراڭلىشايلى. يېقىندا دۇكانغا كۆپ مىقداردا مال كىرگۈزدۇق، سەل قالايمىقان، كۆپچىلىك توغرا چۈشىنىڭلار.» ۋاڭ ۋېنخۇي ھەقىقەتەن مېھماندوست شىنجاڭلىق ئىكەن، بىزگە ئۆز ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

ۋاڭ ۋېنخۇي خېنەن كۈنمەنسى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى. 2016 - يىلى، ئۆزى يالغۇز خېنەنگە بازار ئاچقىلى كەلگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە، شىركەتنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىتتىپاقداش دۇكىنىدىن 80 نەچچىسى بار بولدى.

«مەن ئىلگىرى شىنجاڭ شىيۈچۇن سۈتچىلىكى تارباغاتاي بۆلەك رايونىنىڭ ۋاكالەتچى سودىگىرى ئىدىم، بىر كۈنى رەھبەر مەن بىلەن پاراڭلىشىپ، خېنەنگە بېرىپ بازار ئېچىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دەسلەپتە، مەن ئانچە خالىمىدىم.» ۋاڭ ۋېنخۇينىڭ دېيىشىچە كۆپ قېتىملىق نەسىھەتتىن كېيىن، ئۇ كېلىپ سىناپ بېقىشنى تاللىغان، لېكىن بىر ئاي تۇرۇپلا ئوغرىلىقچە شىنجاڭغا قايتىپ كەتكەن. «ھەقىقىي تەمدىكى شىنجاڭ لەڭمىنىنى بەك يېگۈم كېلىپ كەتتى، چىدىيالمىدىم» دېدى ۋاڭ ۋېنخۇي.

ۋاڭ ۋېنخۇي ئەس - يادىدىن چىقمىغان لەڭمەننى يېگەندىن كېيىن، زىممىسىدە ۋەزىپىسى بولغاچقا شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ يەنە جېڭجوۋغا قايتىپ كەلدى.

«دەسلەپتە بازار ئېچىش بىر ئاز قىيىن بولدى. ئەينى چاغدا، شىنجاڭ بىلەن خېنەن ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق يولى ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى ھازىرقىدەك قولاي ئەمەس ئىدى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەممىسى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق توشۇلاتتى. توشۇش تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا، خېنەننىڭ يەرلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى» دېدى ۋاڭ ۋېنخۇي.

لېكىن قاتتىق سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاڭ ۋېنخۇي بوشاشماي كېڭەيتكەچكە، شىنجاڭنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ئاستا - ئاستا خېنەن ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2018 - يىلى، ۋاڭ ۋېنخۇينىڭ جېڭجوۋدىكى تۇنجى شىنجاڭ خاس مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى تىجارەت باشلىدى. «ئۇ چاغدا شىيۈچۇن سۈت مەھسۇلاتلىرىنىلا ساتاتتىم، لېكىن تۈرى بىرلا خىل ئىدى، ئۇزاق مەزگىل، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن تۈرنى موللاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى» دېدى ۋاڭ ۋېنخۇي.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، لىنىيە بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىپ، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى. «بولۇپمۇ ئەشيا ئوبوروتى ترانسپورت ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى بىزگە ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بەردى.» ۋاڭ ۋېنخۇينىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى پەقەت بىرلا خىل سۈت مەھسۇلاتى سېتىشتىن، ھازىرقى 400 خىلدىن ئارتۇق شىنجاڭ خاس مەھسۇلاتىنى سېتىشقىچە، ئۇنىڭ مال سېتىش يولى بارغانسېرى كېڭەيگەن.

پاراڭلاشقاندا، ۋاڭ ۋېنخۇيگە توختىماي تېلېفون كېلىپ تۇردى. «كەچۈرۈڭلار، ھەممىسى زاكاز تېلېفون. بىز زاكازلىق سېتىش ئەندىزىسىنى قوللاندۇق، خېنەن ئۆلكىسىدە 80دىن ئارتۇق ئىتتىپاقداش دۇكان بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھەرقايسى جايلاردىكى سۈت پونكىتى، مەھەللىلەردىكى قولايلىق دۇكان قاتارلىق سېتىش يوللىرى ئارقىلىق خېنەنلىك ئىستېمالچىلارنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا تېتىپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق» دېدى ۋاڭ ۋېنخۇي.

«يەتتە يىل ئۆتۈپتۇ، يەنە قايتىپ بېرىپ شىنجاڭ لەڭمىنى يەمسىز؟»

«ھاجىتى يوق. خېنەندە ھازىر ھەقىقىي تەمدىكى شىنجاڭ ئاشخانىلىرى ناھايىتى كۆپ».

ۋاڭ ۋېنخۇينىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، خېنەندە بازار ئاچقان يەتتە يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ سودىسى بارغانسېرى زورايغان، ئۇنىڭغا ئوخشاش بازار ئاچىدىغان شىنجاڭلىقلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن، «گەرچە شىنجاڭ بىلەن خېنەننىڭ ئارىلىقى 3000 كىلومېتىر كەلسىمۇ، لېكىن <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى جاينىڭ ۋاقىت، بوشلۇق جەھەتتىكى ئارىلىقى تەدرىجىي يېقىنلاشتى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر خېنەنگە كېلىپ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلدى، نۇرغۇن خېنەنلىك شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنى ئىككىنچى يۇرتى دەپ بىلدى. بىزگە ئوخشاش خېنەنگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈۋاتقان شىنجاڭلىقلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى».

«سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز نېمە؟»

«شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى تېخىمۇ كۆپ شەھەرلەرنىڭ بازىرىغا سېلىش».