كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 497 مىليون يۈەنگە يەتتى

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

2023 - يىللىق شىنجاڭ يىپەك يولى ئۈزۈم ھارىقى بايرىمى ھەم 29 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى باشلاندى

كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 497 مىليون يۈەنگە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى، تۇرپان، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، «كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل شىنجاڭ، خۇش پۇراققا تولغان يىپەك يولى» باش تېمىسىدىكى 2023 - يىللىق شىنجاڭ يىپەك يولى ئۈزۈم ھارىقى بايرىمى ھەم 29 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى باشلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يۈسۈپجان مەمەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئالتۇن بەلبېغىغا جايلاشقان، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن رايون ۋە ئۈزۈم ھارىقى بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، مول بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى تەرەققىيات ئاساسىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈزۈم ھارىقى خاس كەسپىنى پائال يېتىشتۈردى ۋە زورايتتى. كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى يەنىمۇ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق سۇپىسى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋاسىتىسى، يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۇتقا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، داڭلىق ماركا قىممىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ باشلامچى كارخانىلارنى بەرپا قىلىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر قەدەر كۈچلۈك خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئۈزۈم ھارىقى داڭلىق ماركىسى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىدۇ. ھەرقايسى مېھمانلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. سودا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت - ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورمانچىلىق - ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى. مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق تۈرىدىن 15ى، سېتىۋېلىش - سېتىش توختامى كېلىشىمىدىن 78ى ئىمزالاندى، ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 497 مىليون يۈەنگە يەتتى.