جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى كۆۋرۈك بەرپا قىلدى

日期:2023年08月15日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى تۇەنجيې كەنتىدىكى مەركىزىي بېكەتتىن چىقىپ، ئالاتاۋ پورتىغا قاراپ ماڭدى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى تۇەنجېي كەنتىدىكى مەركىزىي بېكەتتىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتىغا قاراپ ماڭدى، ئاندىن بۇ پورت ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدۇ.

2013-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى تۇەنجېي كەنتىدىكى مەركىزىي بېكەتتە دەسلەپتە جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئايدا بىر قېتىمقاتنايتتى، ھازىر ھەر كۈنى بەش-ئالتە قېتىم قاتنايدۇ؛ ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى ئەينى يىلىدىكى چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا لىنىيەسىدىن ئىبارەت بىر لىنىيەدىن 109غا تەرەققىي قىلدى، تېخىمۇ كۆپ ماللار جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن كىرىپ چىقىۋاتىدۇ.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ شاپىڭبا رايونىغا جايلاشقان چۇڭچىڭ شىڭلۇڭچاڭ گۇرۇپپىلاش پونكىتىدا، يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى تۇەنجېي كەنتىدىكى مەركىزىي پونكىتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى تۇەنجېي كەنتى تۆمۈريول يۈك ساندۇقى مەركىزىي پونكىتىدا، كېشەك كىران يۈك ساندۇقىنى قاچىلاش-چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونىغا جايلاشقان چۇڭچىڭ شىڭلۇڭچاڭ ۋوگزالىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە پويىزلارغا قوماندانلىق قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچىلەر چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ شاپىڭبا رايونىغا جايلاشقان چۇڭچىڭ شىڭلۇڭچاڭ گۇرۇپپىلاش پونكىتىدا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى تەكشۈرمەكتە.