شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى

日期:2023年08月15日
来源:天山网
【字体:

كۆلەم، ئومۇمىي ھوسۇل، بىرلىك ھوسۇلدا «ئۈچ ئېشىش» بولدى −

شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-شى 125-تۇەنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇغدايدىن ھوسۇل ئالدى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.جاڭ شىئەن فوتوسى

6-ئاينىڭ 8-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 500 مىڭ مودىن كۆپرەك كۈزگى بۇغداي پىشتى ھەم كەينى-كەينىدىن ئورۇش مەزگىلىگە كىردى. يېڭىمەھەللە بازىرى ئاياغ يېڭىمەھەللە كەنتىدە، كومبايىن ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلىقتا قاترىدى، كومبايىن چىشلىق چاقىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، دان بىلەن سامان تەرتىپلىك ئايرىلدى، ئالتۇندەك ساپسېرىق دانلار كومبايىننىڭ كىچىك ئامبار ئىشىكىدىن قۇيۇلدى، شۇ جايدىكى دېھقانلار بۇ يىلقى تۇنجى ئورمىنىڭ ھوسۇلىنى يىغىۋالدى.

(پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى:ھامۇتجان مۇسا)

8-ئاينىڭ 4-كۈنى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاختى يېزىسىدا كومبايىندا بۇغداي ئورۇلماقتا. بۇ ناھىيەدە تېرىلغان 5230 مو يەردىكى بۇغداي پىشتى، دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ بۇغدايلارنى ئورۇپ، ئاشلىقنى ۋاقتىدا ئامبارغا ئەكىرىشكە كاپالەتلىك قىلماقتا.

خې چېڭچياڭ فوتوسى

8-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شى 183-تۇەن 6-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى تايلاش ماشىنىسىنى ھەيدەپ بۇغداي غولىنى يىغماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۇەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنى چارۋا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ غول-شاخلىرىنى يەم-خەشەك قىلىپ پىششىقلاپ، باقمىچىلىق تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى.

ساۋ شىيې فوتوسى

يېقىندا، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ئاشلىقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا بۇغداي تېرىشقا يېتەكلەپ، شۇ جاينىڭ بۇغداي ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىن خالىغان بىر يەرنى تاللاپ، ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان كۆلەمنى ئۆلچەش، بۇغداي دېنىنىڭ يېڭى ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، سۇ نىسبىتىنى ئۆلچەش، گىرنى توغرىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەۋجىدە ئايجانار)

توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ئاشلىقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى 560 مو كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۈزگى بۇغداي كۆلىمى 110 مو، ئاساسلىق سورتى يىنۇڭ 22-نومۇر.

(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەۋجىدە ئايجانار)

7-ئاينىڭ 14-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كومبايىنھەيدەپ سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرى ئەرگۇڭ كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا كۈزگى بۇغداي ئورماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). يېقىندا، سانجى شەھىرىدىكى 120 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن ئورۇلۇشقا باشلىدى، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغداينى ۋاقتىدا ئورۇپ، ئامبارغا تولۇق كىرگۈزدى.

خې لۇڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، كومبايىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى خۇڭچى دېھقانچىلىق مەيدانى 1-ليەنىنىڭ بۇغدايلىقىدا جىددىي بۇغداي ئورماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).ھازىر، خۇڭچى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 100 مىڭ مودىن ئارتۇق بۇغداي پىشىپ ئورۇش مەزگىلىگە كىردى، بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئاشلىقنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزجاڭ يۈن فوتوسى

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، كومبايىن جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى شىلياڭ كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا كۈزگى بۇغداي ئورماقتا.سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 1 مىليون 900 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي كەڭ كۆلەمدە ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ ئائىلىلىرىدىكى 1299 دانە ھوسۇل يىغىش ماشىنىسى خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ھوسۇل يىغىش كۆلىمىنىڭ 120 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خې لۇڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، چوڭ تىپتىكى تىراكتور جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخىيەنزە بازىرى شار تورە كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا يەر تۈزلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، تەكرار تېرىقچىلىق قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. يېقىنقى مەزگىلدە، داخىيەنزە بازىرىدىكى ئېتىزلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېھقانلارنىڭ جىددىي ھوسۇل يىغىۋاتقان، تېرىقچىلىققا تېز تۇتۇش قىلىۋاتقان ئالدىراش سىماسى كۆرۈنەتتى. بۇ بازار يازلىق يىغىم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئالغا سىلجىتىپ، كېلەر يىلى ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزمۇرادىل ماناس فوتوسى

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن چۆگۈن يېزىسى تاۋۇن چۆگۈن كەنتىدە، چوڭ تىپتىكى كومبايىنلار بۇغداي دولقۇنلىرى ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ بۇغداي ئورماقتا. بۇ ناھىيەدىكى 45 مىڭ 500 مو يەردىكى بۇغداي ئورۇلۇپ، ئاشلىق ئامبارلاشتۇرۇلدى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزخۇ شىچى فوتوسى

مورى ناھىيەسىدىكى ئالتۇنرەڭ بۇغدايلار.

( ئاپتورلار:فۇ شيەنبىن، زۇ رۇڭنيەن، ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەنپىڭفېن قوماندانلىق ئىشتابى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى )

7-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساۋەن شەھىرى داچۇەن يېزىسى ئەرداۋخوزا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى كومبايىندا بۇغداي ئورماقتا. ھازىر، ساۋەن شەھىرىدىكى 126 مىڭ 200 مو يەردىكى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، دېھقانلار ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنى چىڭ تۇتۇپ بۇغداي ئوردى، ھەممە يەردە ئالدىراشلىققا تولغان بىر قاتار مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي ئېتىزلىرى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى (8-ئاينىڭ 2-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىندا، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى بۇغدايلار كەينى-كەينىدىن پىشتى، يېشىل ئوتلاق بىلەن ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي ئېتىزلىرى بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، گۈزەل تۈسكە كىردى.

خې لۇڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 4-كۈنى، كۇچا جىنرۈن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات-ئېچىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇغداينى ئاپتاپقا سالماقتا. يېقىندا، كۇچا شەھىرىدە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ شەھەردىكى ھەر قايسى ئاشلىق يىغىپ ساقلاش كارخانىلىرى ئامبار سىغىمى ۋە تولۇق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى ياخشى تەييارلاش بىلەن بىللە، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كەلگەن ھامان تاپشۇرۇشى، ئاشلىقنى خاتىرجەم تاپشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

تۇرسۇن توختىفوتوسى

شىنجاڭنىڭ بايلىق، مۇھىت ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ماددىي ئاساسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن پۇختىلاپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئالدى، ئاشلىق، ياغ مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى يېتەرلىك بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ يازلىق ئاشلىقتا كۆلەم، ئومۇمىي ھوسۇل، بىرلىك ھوسۇلدىن ئىبارەت «ئۈچ ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ئومۇمىي ھوسۇل 7 مىليون 12 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ھوسۇل 460 مىڭ توننا ئاشتى، يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپلا قالماي، يەنە دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭ ئاشلىقى بىلەن تەمىنلىدى.

كۆلەمنى كېڭەيتىش،ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»تىن ئىبارەت ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنى بويىچە، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتتى.

«پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى». ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى جىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «كۆلەمنى كېڭەيتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

«سىياسەت ياخشى، تېخنىكا ياخشى بولغاچقا، بىزدەك ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئىشەنچى ئاشتى». قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى شازغەت يېزىسى خارسۇخاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جۈ پېڭباۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن 301 مو يەرگە بۇغداي تېرىدىم، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى دائىم ئېتىز بېشىغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايون ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىۋاسىتە ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى، مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن ئاشلىق سېتىش ھالقىلىرى راۋانلاشتۇرۇلدى، بۇ يىل مەن تېرىغان بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، ھوسۇلمۇ، كىرىمىممۇ ئاشتى.

ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈش ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان 3 مىليارد 290 مىليون يۈەنلىك ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەر مو يەرنىڭ كۈزگى، يازغى بۇغداي ياردەم تولۇقلىمىسىنى 230 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، بۇغداي تېرىغان 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىن پايدا ئېلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 43 ناھىيەگە مەركەز مالىيەسى مۇكاپات مەبلىغىدىن 910 مىليون يۈەن تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاشلىق كەسپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە ئىلھام بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كۆپەيتىش، ئېڭىزغا تېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئۈنۈملۈك كۆپەيتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى (ئاساسلىقى بۇغداي) جەمئىي 18 مىليون 164 مىڭ مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 792 مىڭ مو كۆپىيىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆپەيتىلگەن يازلىق ئاشلىق كۆلىمىنىڭ %67.2ىنى ئىگىلەپ، كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

«ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋە تولۇق سۇغىرىش كاپالىتىنىڭ پايدىسىدا، ئاۋات ناھىيەسىدىكى شىنخۇيچېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى باشقۇرۇۋاتقان 4000 مودىن ئارتۇق يەردىكى كۈزگى بۇغدايدا ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 50 كىلوگىرام ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.» بۇ ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لېي يەنگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىمىزنىڭ بۇغدىيى پۈتۈنلەي يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزغا تېرىلىپ، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى، ئەتىياز پەسلىدە سۇ ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىگە يېتىدىغان مەزگىلدىكى «گالنى بوغىدىغان قۇرغاقچىلىق» تۈگىدى، بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولۇپ، پۈتۈن يىللىق مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىندى.

سۇ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى «مۇھىم تۇتقا». بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق، يېزا ئىگىلىكى - يېزا قاتارلىق تارماقلىرى دەريادىن كېلىدىغان سۇ، سۇ ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان سۇ، يەر ئاستى سۈيى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى، 2 - نۆۋەت ھۆددىگە ئالغان يەرلەر، ئاساسىي ئېتىزلار ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارغا سۇ ئىشلىتىشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش، باشقا زىرائەتلەرگە ئىلاستىكلىق تەقسىملەش پىرىنسىپى بويىچە، 2023 - يىللىق سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى بىرتۇتاش تۈزۈپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، بولۇپمۇ ئاشلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئېتىزلارنى سۇغىرىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئۇرۇق ۋە تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون (يەرلىك) بويىچە 36 مىليون 260 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنغان بولۇپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ %57.4ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىلغان كۆلەم يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى كۆلىمىنىڭ %75تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق 4 مىليون 350 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 3 مىليون 400 مىڭ مو يەر بەرپا قىلىپ، 950 مىڭ مو يەر ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن «مۇنبەتلىك» ئاساسى سالىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار پەن - تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنى ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى قىلىپ، مەۋقەنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قويۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق تېرىقچىلىق باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، سورتلۇق ئۇرۇق، ياخشى ئۇسۇل، مۇنبەت ئېتىز، ياخشى پۇرسەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قوللىنىلغان كۆلەم 63 مىليون موغا يېقىنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ بىلەن ئوغۇتنى دەل جايىدا تەڭشەش-تىزگىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆلىمى 1 مىليون 200 مىڭ مودىن ئاشتى، ئاشلىق زىرائەتلىرىدە ئەلا سورت بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %98تىن ئاشتى، ئاپتونوم رايون (يەرلىك)نىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بويىچە ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %86.74كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 13 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىقىدا ئاغدۇرۇش، تېرىش، يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

زاپاس ساقلاش، پىششىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

ئاشلىق، ياغ كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى يۇقىرى ئېقىندىكى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەمىنلىشىگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تۆۋەن ئېقىندىكى سېتىۋېلىش، پىششىقلاشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

«توردا ئالدىن كېلىشىش ئارقىلىق ئاشلىق سېتىشتا ئۆچرەتتە تۇرۇش ئاساسەن ھاجەتسىز.» ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى كالتە سۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلىكىم تۇرغۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ئاشلىق سېتىش قولايلىق ھەم تېز بولدى، ئاشلىق باھاسىمۇ يامان ئەمەس بولدى، ئاشلىق ساتقان پۇلنى تېزلا ئالالايمىز.

يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنى خاتىرجەم ئاشلىق سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلارنى بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىشقا پائال يېتەكلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېنىقلاش، يىغىپ ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، تىرىشىپ دېھقانلارنى «ئاشلىقنى چۈشىنىپ سېتىش» «ئاشلىقنى كۆڭۈلدىكىدەك سېتىش» «ئاشلىقنى راھەت سېتىش» «ئاشلىقنى خاتىرجەم سېتىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار زامانىۋى ئامباردا ساقلاش-باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى پائال كېڭەيتىپ، ئامبار سىغىمىدا ئاشلىقنى يېشىل ساقلاش تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش نىسبىتىنى %74كە يەتكۈزۈپ، ئاشلىق ئامبىرىدا ساقلانغان ئاشلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال زىيانغا ئۇچراش، خوراش نىسبىتىنى %0.43كە چۈشۈرۈپ، ئامباردا ساقلانغان ئاشلىقنىڭ ئامباردا ساقلاشقا %100 باب كېلىش نىسبىتىنى كۆپ يىل ساقلاپ، ساقلانغان ئاشلىقنىڭ سۈپەت، ئۈنۈمىدە مىقداردىن سۈپەتكە ئۆتۈشتەك تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، رايون خاراكتېرلىك ئاشلىق، ياغ گۇرۇھى تەشكىللەپ قۇرۇش ئارقىلىق، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈردى.

«گۇرۇھلىشىپ تەرەققىي قىلىش كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاشلىق، ياغ سېتىۋېلىش-سېتىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ سۇمىڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى، تەشكىللەش، ئىسلاھ قىلىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىكنىڭ ماكرولۇق تەڭشەشتىكى سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق تىجارىتى كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە، يەنە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاشلىق ئوبوروتى تىجارىتىنى ياخشى قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا يىغىپ سېتىۋېلىش، ساقلاش، سېتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشنى بىر گەۋدە قىلغان دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق ئەمەلىي گەۋدە كارخانىسىغا ئايلاندى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار تەۋەلىك رايونىدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىش كارخانىلىرىنى تەدرىجىي بىرىكتۈرۈپ، ئون رايون خاراكتېرلىك ئاشلىق، ياغ گۇرۇھى تەشكىللەپ قۇرۇشنى تاماملىدى. ھەرقايسى ئاشلىق، ياغ گۇرۇھلىرى «چوڭ ئاشلىق» «چوڭ كەسىپ» «چوڭ بازار» «چوڭ ئوبوروت» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئەسلىدىكى «ئاشلىق سېتىۋېلىش، ئاشلىق سېتىپ بېرىش»تەك تىجارەت ئەندىزىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىش، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، ياغ كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق، ياغ مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ سىرتىدىكى چوڭ بازارلارغا يۈزلەندۈردى.