​شاڭخەينىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى، قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى

日期:2023年08月15日
来源:天山网
【字体:

شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە:​

شاڭخەينىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى، قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

شاڭخەي جۇڭگودىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ جانلانغان، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى. 2020 - يىلىدىن بۇيان، شاڭخەيدىن 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ سىرىنى ئېلىپ قەشقەرگە كېلىپ، ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىغا ئاتلاندى.

شاڭخەينىڭ 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى» دېيىلىدۇ) ئادەمدىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ئامىلنى باشتىن - ئاخىر گەۋدىلەندۈرۈپ، شاڭخەينىڭ تەجرىبىلىرى ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت ۋە تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن ئەمەلىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەمەلىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، خىزمەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى قالتىس جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى.

ئەخلاق ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىش

قەشقەر ۋىلايىتى ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق، ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ بېرىش شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان نىشانلارنىڭ بىرى.

ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئەخلاق ئارقىلىق روھنى تاۋلاش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشنى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلاش كېرەك. ئۈچ يىلدىن بۇيان، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ تۇتتى، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتتى، يۈكسەلدۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرىنىڭ سىجىل نىشانلىق ياردەم بېرىشى ئاساسىدا، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يەنە شاڭخەيدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت «يۈلەن قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويدى، شاڭخەي سىفەن داشۆسى قەشقەر ۋىلايەتلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپنى شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ، ھەر يىلى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايەتلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپ ھەم شاڭخەي ياردەم بېرىپ قۇرۇۋاتقان قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيە بىلەن ئىككى قېتىم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە سىجىل تۈرتكە بولدى.

2020 - يىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ لەنلەن تۇنجى تۈركۈمدىكى مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە «يۈلەن قۇرۇلۇشى»غا قاتناشتى. گەرچە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزگىچە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى، ئېنىق پىكىر يولى، جەلپ قىلارلىق سوئال سوراشلىرى يۈ لەنلەننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ بىر كۆزنىكىنى ئېچىپ بەردى.

2022 - يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىنىڭ بەش يىلدا بەش قېتىم ئۇدا ئۆرلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇدا ئۈچ يىل تولۇق كۇرسقا ئۆتۈش نىسبىتى %80تىن ئېشىپ، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

2020 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرى يەكەن ناھىيەسىدە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ قۇرغان قەشقەر تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملاندى، بۇ يىل 9 - ئايدا تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 1 - تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 600گە يېتىدىكەن، كەلگۈسىدە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمى 16 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن. يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن بۇ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى مەكتەپكە شاڭخەيدىن 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ جاپالىق تەرى سىڭگەن.

ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەردىن ئەخلاق ئارقىلىق روھنى تاۋلايدىغان مائارىپ خىزمەتچىلىرىگىچە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغىچە، ئۈچ يىلدىن بۇيان، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردىمىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلار يېتىشتۈرۈلۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇندى.

سىجىل كۈچەش، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش

2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلغان يىل. قانداق قىلىپ يەكەن، قاغىلىق ناھىيەلىرىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك بىر سوئال ئىدى.

لىمەي تېرىشنى كېڭەيتىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش، زامانىۋى كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش... نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرى ئالدىدا، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش يولىنى تېپىپ چىقتى. 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، يەكەن ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئالدىنقى باسقۇچتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان پوسكام، مارالبېشى ناھىيەلىرىنى قوشقاندا، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرى نىشانلىق ھالدا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ھەرگىزمۇ ئارام ئېلىۋېلىشقا، دەم ئېلىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى داۋاملىق تاپشۇرۇۋېلىپ، تۈرلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە جەمئىي 8 مىليارد 533 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 333نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تەسىرى چوڭقۇر، تۈرتكە بولۇشى كۆرۈنەرلىك، ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم تۈر ۋە خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

بۇ نەتىجىلەر شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2020 - يىلى، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شاڭخەيگە 658 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى، سېتىش كىرىمى 2021 - يىلى 1 مىليارد 30 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %56.5 ئاشتى؛ 2022 - يىلى، شاڭخەي كۆكتات (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ «100 ناھىيە، 100 مەھسۇلات» بويىچە نىشانلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش سۇپىسى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش

مەدەنىيەت سۇغا ئوخشايدۇ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۈچ يىلدىن بۇيان، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى مەدەنىيەت گېنى ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر قۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

2022 - يىلى 8 - ئايدا، مارالبېشى ناھىيەلىك مۇزېينىڭ يېڭى سارىيى ئېچىلىپ ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى. ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان مارالبېشى ناھىيەلىك مۇزېي توققۇز ساراي خارابىسى قەدىمىي شەھىرىنى ئەسلىي تىپ قىلىپ، سەددىچىن سېپىلى، تۇر، خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەت قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى ئۆزىگە يۇغۇرغان بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان، ئۆگىنىدىغان ھەم ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر كېلىپ «داكا قىلىدىغان» يېڭى يەر بەلگىسىگە ئايلاندى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۆت ناھىيەسىدىكى مەكتەپلەردە كۇنجۈ تىياتىرى، جىڭجۈ تىياتىرى قاتارلىق تىياتىرلارنىڭ نادىر نومۇرلىرىنى كىرگۈزۈپ، سەنئەت ئامىللىرىنى مەكتەپلەرگە كۆچۈرۈپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ مول، رەڭدار بولغان شاڭخەي - قەشقەر مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى، پۇتبول، تىكتاك توپ، قورشاۋ شاھمات قاتارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى قەشقەر تۇپرىقىنى قاپلىدى؛ مور بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى باغچىسىنى پىلانلاپ، لايىھەلەپ ھەم قۇرۇپ، قەشقەرنىڭ تارىخىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە قايتا نامايان قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى ۋە ئىلگىرى سۈردى؛ «يەكەن دەرياسى» ناملىق تەبىئەت، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللەپ، تەبىئىي مەنزىرە، تارىخىي ھېكايە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخىي ماتېرىياللار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈردى ۋە نامايان قىلدى...

مەدەنىيەتنىڭ كۈچى قۇدرەتلىك ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدە، قەشقەرنىڭ ياخشى ھېكايىلىرى تەڭكەشكە چۈشكەن نوتىلارغا ئايلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، شاڭخەي، قەشقەر ئىككى جاينىڭ چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىسىگە گۇۋاھ بولدى.