ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىپ گۈللەنگەنلىكىدىن پەخىرلىنىمىز، بىز بۇ بىر ئەۋلاد ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق

日期:2023年08月15日
来源:天山网
【字体:

​− «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر يازلىق تەتىللىك تەتقىقات - ئۆگىنىش كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن سەپىرى ناھايىتى مول ھوسۇللۇق بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىمىڭ

«تيەنئەنمېندىكى كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن بەك ھاياجانلاندىم» «يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلاردا، مەن جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ھېس قىلدىم، مەنمۇ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىمنى زىممەمگە ئالىمەن» «مەن ھەر مىللەتتىن ياخشى دوست تۇتتۇم»... يەتتە كۈن داۋاملاشقان بېيجىڭ - تيەنجىن تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ساۋاقداشلارنىڭ تەتقىقات - ئۆگىنىش خاتىرىسىگە مول ھوسۇللۇق نەتىجىلەر خاتىرىلەندى.

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شۆيۈەنى ئورتاق ئۆتكۈزگەن «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر يازلىق تەتىللىك تەتقىقات - ئۆگىنىش كۇرسى رەسمىي باشلاندى. ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەندىن كەلگەن 200 ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى بېيجىڭ داشۆ، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى، بېيجىڭدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار، تيەنجىن داگۇكوۋ زەمبىرەك سۇپىسى خارابىسى مۇزېيى، تيەنجىن پورتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، چۆكۈش شەكلىدىكى، ھېس قىلىش شەكلىدىكى تەربىيە ئارقىلىق دۆلەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، بىلىمىنى ئاشۇردى.

بۇ قېتىمقى تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 600 ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

بىر قېتىملىق قىممەتلىك پۇرسەت بولدى

«بۇ چوڭقۇر كۆيۈنۈشنى يەردە قويمايمىز»

بۇ قېتىمقى تەتقىقات - ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتناشقان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇنجى قېتىم يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭغا كەلگەن.

«بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يۇرتۇمدىن ئايرىلىشىم. مەن كۆپ كۆرۈپ، كۆپ ئاڭلاپ، كۆپ ئۆگىنىپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپ ھېس قىلىپ، بۇ قېتىمقى قىممەتلىك تەتقىقات - ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ياخشى قەدىرلەيمەن.» نىيە ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلقۇتجان ياسىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ھاياجانلانغانلىقىدىن بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى، ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېسسىياتتىكى ساۋاقداشلار ئاز ئەمەس.

بىر ھەپتە ۋاقىتتا، ساۋاقداشلار بېيجىڭ داشۆدە يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتىنىڭ قويۇق ئىلىم كەيپىياتى، چوڭقۇر تارىخىي ئاساسى ۋە ئۆزگىچە ياشلىق باھارنىڭ جەلپكارلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى؛ بېيجىڭدىكى نۇرغۇن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلاردا، ۋەتىنىمىزنىڭ زامانىۋى پەن - تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ۋە گۈزەل ئىستىقبالىنى كۆردى؛ تيەنئەنمېندىكى كۆرۈش سۇپىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ، دۆلەت مۇزېيىغا بېرىپ گۈللىنىش يولى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جانلىق ھەم كونكرېت بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى؛ داگۇكوۋ زەمبىرەك سۇپىسى خارابىسى مۇزېيىدا، ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ياد ئېتىپ، قويۇق ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى...

«كىتابتىكى بىلىملەر كۆز ئالدىمىزدا شۇنچە ھەقىقىي، جانلىق نامايان بولغاندا، ئالغان تەسىراتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇر بولدى.» قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇغۇچى شۈ مېي ھەر قېتىملىق چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، قىزىقىشى كۈچلۈك بولغان بىلىم نۇقتىلىرىنى يەنە ماتېرىيال ئىزدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆگەندى.

«ماتېرىيال ئىزدەش چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر، مەن بۇنداق نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن مىننەتدار، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، بىز بۇنداق چوڭقۇر كۆيۈنۈشنى يەردە قويساق بولمايدۇ» دېدى شۈ مېي.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ دېڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، تەتقىقات - ئۆگىنىش كۈنتەرتىپىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، ساۋاقداشلارغا تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرىدە ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن قوزغاتتۇق.

بىر مەيدان چوڭقۇر ھېس قىلىش بولدى

«ۋەتىنىمىزنى بارغانسېرى گۈللەندۈرىمىز»

تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرىدە، ئېكسكۇرسىيە نۇقتىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى مۇجەسسەملەنگەن، ئىلگىرى بۇ تۇپراقتا يۈز بەرگەن ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ، ساۋاقداشلار تارىخ بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ھەربىر ھېكايە ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندى. خوتەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇغۇچى رۇقىيە مەتتوختى مۇنداق دېدى: «مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىتىمەن».

تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرىدىغان كۈنى، 200 ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى سەھەر سائەت ئىككى يېرىمدىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. تۇنجى تاڭ نۇرىغا ئەگىشىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى. كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى. «دۆلەت شېئىرىنى ئېيتقاندا، قەلبىمدە بىردىنلا جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئۇلغايدى» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن مەرھاباخان ئابدىكېرىم.

«بۇ قېتىم مەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىدا تيەنئەنمېندىكى كۆرۈش سۇپىسىغا چىقتىم، كېلەر قېتىم مەن ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم بۇ يەردە تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى چىڭگىل ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايدوس يېركىنبېك.

تيەنجىن داگۇكوۋ زەمبىرەك سۇپىسى خارابىسى مۇزېيىدا، خارابىگە ئايلانغان زەمبىرەك سۇپىسىنى كۆرۈپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلئۆي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىلناز ئېزىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «خەتەرلىك پەيتتە، غايىلىك، ئىرادىلىك سانسىزلىغان ۋەتەنپەرۋەر كىشى ۋەتەن ئۈچۈن قان تۆكۈپ، ھاياتىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق، بىزنى بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. ياش ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ۋەتەننى سۆيۈشنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنى بارغانسېرى گۈللەندۈرىمىز».

بۇ قېتىمقى تەتقىقات - ئۆگىنىشتە، ساۋاقداشلار يەنە بېيجىڭدىكى نۇرغۇن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. «خىزمەتچى خادىملار بىزگە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى كۆرسەتكەندە، مەن جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەرەققىياتى ۋە كۈچىنى ھېس قىلدىم. مەن ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىپ گۈللەنگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم، بىز بۇ بىر ئەۋلاد ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم» دېدى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلدالا ئېرجان.

يول بويى ئىللىقلىق ھەمراھ بولدى

«گۈزەل شىنجاڭغا كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز»

يەتتە كۈنلۈك تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرىدە، ساۋاقداشلار كۆڭۈلنى ئىللىتىدىغان نۇرغۇن خۇشاللىققا ئېرىشتى.

بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەي ۋېنشىن بېيجىڭدا بىر ئۇنتۇلغۇسىز تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزدى، شۇ كۈنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈن تورتى تەييارلىدى، «ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. بۇ يەردە يېڭى تونۇشقان دوستلىرىم ماڭا تېخى سوۋغات بەردى، بۇ ناھايىتى قىممەتلىك، مەن ئىزچىل قەدىرلەپ ساقلايمەن» دېدى ئەي ۋېنشىن.

يول بويى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆيۈنۈشى ساۋاقداشلارنى ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى. مەنزىلگە بېرىش يولىدا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ساۋاقداشلارغا رايون مەدەنىيىتىنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك تونۇشتۇردى، ساۋاقداشلارنى باشلاپ شۇ جايدىكى مەززىلىك تائاملارنى تېتىتتى. كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا، ھەر ۋاقىت بالىلارغا ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇردى، يانچۇقىغا ھەمىشە بالىلار ئۈچۈن تەييارلىغان قەنت - گېزەك ۋە ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى سېلىپ يۈردى.

«مۇئەللىم، بۇ قېتىم بىز بېيجىڭدا ناھايىتى كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشتۇق. بىزنىڭ يۇرتىمىز شىنجاڭمۇ ئىنتايىن گۈزەل، سىلەرنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز، مەن شىنجاڭدا سىزنى ساقلايمەن...» خوشلىشىدىغان چاغدا، قورغاس ناھىيەلىك جياڭسۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يىن جىڭرۇي بېيجىڭدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىغا شۇنداق دېدى.

«تەتقىقات - ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى.» پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جاڭ دېڭۋېي مۇنداق دېدى: ساۋاقداشلارنىڭ قايتىپ بارغاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش، ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.