ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تېز ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۆپ خىل شەكىل بىلەن ئىلگىرى سۈردى

日期:2023年08月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزۈپ قويماسلىق مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تېزدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۆپ خىل شەكىل بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلار توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 156 مىڭ 700 كىشى(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 31 مىڭ كىشى كۆپەيدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، مۇلازىمەت كاپالىتى، قىيىنچىلىقى بارلارغا يار - يۆلەك بولۇش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى زورايتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى كۆپ خىل يول بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى قاراتمىلىققا ئىگە بولغان خىزمەت ئىزدەشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتتى. ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى، كەسپى، تەجرىبىسى، ماھارىتى، كەسىپ تاللاش روھىي ھالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئوخشىماسلىقلارغا قارىتا، خاسلاشتۇرۇلغان، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن خىزمەت ئىزدەش، تەكلىپ قىلىش، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۆز تاراتقۇ، قىسقا سىن، بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىغان دەرس قاتارلىق شەكىللەردىن يېڭىلىق ياراتقان ھالدا پايدىلىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كەسىپ ئورنىنى توغرا تېپىپ، كەسىپ پىلانىنى ياخشى تۈزۈشىگە، كۆزلىمىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، توغرا بولغان كەسىپ تاللاش قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلدى.

مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە يۈكسەك دىققەت قىلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدىكى ياردەم تەلەپ قىلىش يوللىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكتىنى ئېنىقلاش، تىزىملاش ئېلىپ بېرىپ، «بىر ئادەم يۇرتىغا قايتسا، بىر ئادەمنى تىزىملاش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى دەل جايىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش يېتەكچىلىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تېزرەك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇشنى قانات يايدۇردى.

ھەر تەرەپلىمە بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، مېيىپ قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەمدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۇزاق مۇددەت ئىشسىز قالغانلارغا «بىر ئادەمگە بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇش» «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىش» بويىچە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، «131» يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمى(ئاز دېگەندە بىر قېتىم كەسىپ جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئۈچ قېتىم ئىش ئورنى تەۋسىيە قىلىش، بىر قېتىم ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش)نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قېتىملىق ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈردى.