​شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستى

日期:2023年08月15日
来源:天山网
【字体:

مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش بازىنى كېڭەيتىش

​شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 59 مىليارد 560 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %48.1ىنى ئىگىلىگەن، چارۋىچىلىق تەرەققىياتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشقان.

گۆش، سۈت، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم ئاشتى

«گۆش، سۈت، تۇخۇم پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەھسۇلات مىقدارى تەكشى، مۇقىم ئاشتى، ئاساسلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى چارۋىچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈن جياپېڭ.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە سېتىپ چىقىرىلغان تىرىك چوشقا، كالا، قوي ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 مىليون 832 مىڭ 700 تۇياققا، 1 مىليون 491 مىڭ 700 تۇياققا ۋە 16 مىليون 937 مىڭ تۇياققا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %14.8، %8.3 ۋە %5.3 ئاشقان. چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆشىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى جەمئىي 924 مىڭ 600 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.06 ئاشقان؛ سۈت مەھسۇلات مىقدارى 989 مىڭ 600 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.02 ئاشقان؛ تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى 195 مىڭ 300 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشقان.

«بۇ يىل يېمەك - ئىچمەك ئىستېمال بازىرى تېز سۈرئەتتە جانلاندى، تىرىك ئۆي قۇشلىرى بازىرىنىڭ ئېھتىياج مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە قايتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۆش قۇشى باقمىچىلىقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، باقمىچىلىق مەيدان (ئائىلە)لىرىنىڭ كاتەك قالدۇقىنى تولۇقلاش ئاكتىپلىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولدى» دېدى سۈن جياپېڭ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمۇ سىجىل ئاشتى. 2022 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۇخۇم باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، بېقىلىۋاتقان تۇخۇم قۇشلىرى كۆپەيدى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش يۇقىرى پەللىسى شەكىللەندۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بېقىلىۋاتقان تۇخۇم توخۇسى مۇقىم ئېشىپ، تۇخۇم بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى، تۇخۇم باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.

«ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى كۆلەملەشكەن سىيىر باقمىچىلىق مەيدانلىرى شىنجاڭ سىرتىدىن كىرگۈزۈش، ئۆزى كۆپەيتىش، ئۆزى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭىدىن ھولستېين سىيىرىدىن 13 مىڭنى كۆپەيتتى، سۈت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى كەسىپ تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چى شىنلىن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۈت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلاردىكى كۆلەملەشكەن سىيىر باقمىچىلىق مەيدانلىرى كالا پادىسى قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بېقىش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھولستېين سىيىرىنىڭ بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى توققۇز توننىدىن كۆپرەككە يەتكۈزگەن.

شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دىكى 16 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ ئۆلچەش باھا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، كالا گۆشى، قوي گۆشى، چوشقا گۆشى، يېڭى سۈت باھاسىدا داۋالغۇپ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

چارۋىچىلىقتىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى

بۇ يىل، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم شىنجاڭنى ئاساسىي ئىنەك پادىسىنى كېڭەيتىش، نەسلىنى ياخشىلاش تۈرى بويىچە سىناق نۇقتىسى قىلىپ، گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ كالا گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 254 مىڭ 300 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 21 مىڭ توننا ئاشقان؛ شىنجاڭدىن يۆتكەپ توشۇلغان تىرىك كالا 340 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇر شىنجاڭدىن توشۇلغان ئومۇمىي مىقدارنىڭ %89ىگە يەتكەن.

چارۋىچىلىقتىكى نۇقتىلىق تۈرلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا گۆش قويى كەسىپلەر توپى تۈرى، چارۋا - ئۆي قۇشلىرى چىقىرىندىلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئالغا سىلجىتىش تۈرى، بايىنبۇلاق قويى نەسلىنى ساقلاپ قېلىش مەيدانى تۈرى، قارا شەھەر ئېتى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تۈرىگە جەمئىي 127 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇلدى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، چارۋىچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى يەتتە تۈرنىڭ ئومۇمىي كېلىشىم سوممىسى 4 مىليارد 450 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە، دۆلەتنىڭ ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، 54 مىڭ مو سۇغىرىلىدىغان يەم - خەشەك يېرى بەرپا قىلىنىپ، يەم - خەشەك كاپالىتى ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. ئۇرۇقلۇق كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش بازىسى، ياۋا ئوت - چۆپ ئۇرۇقى يىغىش بازىسى قۇرۇش ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىك ئوت - چۆپ ئۇرۇقى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى ئاشتى.

5 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاتلاردىكى يۇقۇمچان قان ئازلىق كېسىلىنى تۈگىتىش خىزمىتى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، شىنجاڭ تيەنرۇيشياڭ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۈت قۇرۇلۇشى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى، گۇما قىزىل قويى دۆلەتنىڭ چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئېرسىيەت بايلىقى كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭى بايلىق دەپ بېكىتىلدى.

چارۋا - ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى

«مارالبېشى ناھىيەسى، تۇمشۇق شەھىرىدىن باشقا، بىز يەنە قورغاس ناھىيەسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۈچىنچى جايدىكى گۆش قويى باقمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلدۇق.» مارالبېشى ئەنشىن چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈەن سېن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىركەتنىڭ تىجارەت كىرىمى 51 مىليون يۈەنگە يېتىپ، قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى باقمىچىلىق كارخانىلىرى، باقمىچىلىق رايونلىرى، ئائىلىۋى قوي فېرمىلىرىدىكى 1500دىن ئارتۇق باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

مارالبېشى ئەنشىن چارۋىچىلىقى پەقەت شىنجاڭدىكى چارۋىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى.

نۆۋەتتە، بورتالا شەھىرى يېڭىدىن ئورگانىك گۆش كالىسى باقمىچىلىق بازىسىدىن ئالتىنى قۇرۇپ، ئوت - چۆپ تېرىش، گۆش كالىسى بېقىشتىن سويۇپ پىششىقلاش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاشقىچە، ئاندىن سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە قاتلاممۇقاتلام ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، بىر نەرسىگە بىر كود بويىچە پۈتۈن جەريانلىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كېرىيە ناھىيەسى تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلىشىگە تايىنىپ زامانىۋىلاشقان گۆش قويى كېڭەيتىش - كۆپەيتىش باش مەيدانى قۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، 1 - قارارلىق كېڭەيتىش - كۆپەيتىش مەيدانى تۈرى، 2 - قارارلىق كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرى، 3 - قارارلىق گۆش قويى ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشى تۈرى بىردەك تاماملاندى، 237 قوتان، 13 ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى پۈتتى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ناھىيە بويىچە گۆش قويى كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 667 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا ئۆلچەملەشكەن كۆلەملىك ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق بازىسىدىن توققۇزى يېڭىدىن قۇرۇلدى ھەم ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇلدى، بېقىلىۋاتقان تۇخۇم ئۆي قۇشلىرى 1 مىليوندىن ئارتۇق بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چارۋىچىلىق يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ تيەنرۇن، ئىلى چۇاڭجىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق شىركىتى باشلامچى بولۇپ يولغا قويغان بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چارۋىچىلىق بايلىقى ۋە مۇھىم ئامىللارنى ئىلمىي تەقسىملىشى، بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، پايدىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستاندىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى - ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئايرىم - ئايرىم ھالدا چارۋىچىلىق ئۇرۇقلۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تېخنىكىسى، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، چارۋىچىلىق كەسپى ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى ھەم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى، شىنجاڭ بويىچە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى گۆش، سۈت، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن 36 تۈرلۈك چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق نۇقتىلىق خىزمىتىنى چۆرىدەپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق (ئۆي قۇشلىرى) مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، نەتىجىلەرنى تەتبىقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.