​چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇ يەردىن شىنجاڭدىكى پورتلارغا قاراپ يولغا چىقىدۇ

日期:2023年08月15日
来源:天山网
【字体:

چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى:​

چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇ يەردىن شىنجاڭدىكى پورتلارغا قاراپ يولغا چىقىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ

8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئەتىگەندىلا، چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىغا كىرمەي تۇرۇپلا، يولدىكى يۈك ساندۇقى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى ئاستا - ئاستا كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاپتوموبىلدا بىللە كېتىۋاتقان شوپۇر ئۇستامنىڭ ئېيتىشىچە، يۈك ساندۇقى توشۇيدىغان بۇ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئورتاق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى دەل چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى ئىكەن.

چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 35.5 كىۋادرات كىلومېتىر، كېڭەيتىلىدىغان كۆلىمى 40.5 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۇڭچىڭ «تۆت يۆنىلىشتە تەڭ يولغا چىقىش» يول ئەندىزىسىنىڭ مەركىزى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىغا ئۇل سېلىنغان جاي ۋە باشلىنىش نۇقتىسى ۋوگزالى، شۇنداقلا چۇڭچىڭ تۆمۈريول پورتى، چۇڭچىڭ تۆمۈريول باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزى تۇرۇشلۇق جاي، قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى، دۆلەت تايانچ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروت بازىسى.

بۇ داڭلىق ناملارغا نىسبەتەن، مۇخبىرلار خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى نۆل يەر بەلگىسى مەيدانىدىكى غايەت زور «0» ھەيكىلىنى كۆرگەندە تېخىمۇ ھەقىقىي تەسىراتقا ئىگە بولدى. بۇ ھەيكەل ئۈستىدە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا)، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە لىنىيە خەرىتىسى بار ئىدى.

ئۈرۈمچى، ئالاتاۋ، قورغاستىن ئىبارەت شىنجاڭدىكى تونۇش بۇ شەھەر ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا) بولغاچقا، ئۇلار نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۇڭچىڭ بىلەن تۇتىشىپ تۇراتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، «جۇڭگودا ياسالغان» تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات بۇ يەردىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى.

چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىدا ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان يۈك ساندۇقى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ چۇڭچىڭ تۆمۈريول پورتى، تۇەنجيې كەنتى يۈك ساندۇقى مەركىزى ۋوگزالى قاتارلىق جايلاردىكى چازا ئېغىزىدىن كىرىۋاتاتتى، يولدا يولۇچىلار كۆپ بولمىسىمۇ، ھەممىلا جايدا ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

رەڭگارەڭ يۈك ساندۇقلىرى تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇراتتى، كېشەك كىران توختىماي كۆتۈرۈلۈپ - چۈشۈپ تۇراتتى، يۆتكەپ توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئۇزاققىچە ياڭراپ تۇراتتى، بۇلار چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىنىڭ دۇنياغا تۇتاشقانلىقىنىڭ يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلغانىدى.

«2014 - يىلى مەن بۇ يەرگە يېڭىلا خىزمەتكە چۈشكەندە، يېقىن ئەتراپنىڭ ھەممىسى تېخى كىچىك تاغلىق كەنت ئىدى، تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى بۇ ھالەتكە يېتىشىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم.» چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لو شۇچۈەن مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا بۇ يەردە ئېچىۋېتىلگەن لىنىيە كۆپ ئەمەس ئىدى، پورتلارمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى، ھازىر شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالدىن ئىبارەت تۆت ئېچىۋېتىلگەن يولغا تەرەققىي قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى، سودا ۋە پۇل مۇئامىلىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەسىپ توپىغا ئىگە ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىغا ئايلاندى. 2022 - يىلى، باغچە رايونىدىكى تۆمۈريول پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مال قىممىتى 80 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىچكى قۇرۇقلۇق تۆمۈريول پورتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

بۇ نەتىجىلەر ئۈستىدە توختالغاندا، باغچە رايونى ئىچىگە جايلاشقان تۇەنجيې كەنتى ۋوگزالىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. 2011 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ چۇڭچىڭدىن گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگقا بارىدىغان تۇنجى خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزى مۇشۇ يەردىن يولغا چىققانىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى تۇەنجيې كەنتى ۋوگزالى ئاللىقاچان ئەينى يىللاردىكى كىچىك ۋوگزال ئەمەس بولۇپ، ھازىر تەرەققىي قىلىپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2023 مو بولغان، يېتىپ كېلىش - يولغا سېلىش لىنىيەسىدىن 12سى، يۈك لىنىيەسىدىن 16سى بار بولغان، يۈك تىرانسپورت مەشغۇلاتى 110 دۆلەت ۋە رايونغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ۋوگزالغا ئايلاندى.

تۇەنجيې كەنتى ۋوگزالىغا كىرگەندە، كۆك رەڭلىك جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۈك ساندۇقىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھەيكەلنى كۆرىسىز، «بىر بەلباغ، بىر يول» دېگەن چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. «بۇ يىللاردىن بۇيان، ۋوگزالىمىزدا يۈك ساندۇقى توشۇش مىقدارى سىجىل ئاشتى، تىرانسپورت كىرىمىدىمۇ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى چېڭدۇ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىڭلۇڭچاڭ ۋوگزالى تۇەنجيې كەنتى ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن ۋوگزال باشلىقى ۋاڭ يىچى.

2022 - يىلى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى(چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا)دىن جەمئىي 3100دىن كۆپرەكى قاتناپ، 2013 - يىلىدىكىدىن 70 ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ، يۈك يەتكۈزۈش مىقدارى 157 ھەسسە ئېشىپ، قاتناش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.

ھازىر چۇڭچىڭ بەكلا ئىسسىق، قۇياش نۇرى تېرىگە چۈشكەندە كۆيگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. تۇەنجيې كەنتى ۋوگزالىدا ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن خۇاڭ ۋېي خىزمەتداشلىرى بىلەن يىۋۇدىن ئەۋەتىلگەن بىر تۈركۈم ماللارنى توشۇۋاتاتتى.

ئۇنىڭ ۋوگزالدا قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىغا تۆت يىل بولاي دېدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا، خۇاڭ ۋېي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن قانداقتۇر چوڭ داۋلىلارنى بىلمەيمەن، پەقەت مۇشۇ يىللاردا يۆتكەيدىغان يۈكلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، كىرىمىمنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن».

«يول ئەشيا ئوبوروتىنى يېتەكلەش، ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىساد - سودىنى يېتەكلەش، ئىقتىساد - سودا كەسىپنى يېتەكلەش»نى چۆرىدەپ، چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، تۈگۈن ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن جەمئىي 18 نى، دۆلەت ئىچىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن جەمئىي سەككىزنى، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتتىن جەمئىي 17نى كىرگۈزدى، ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 5400دىن ئاشتى. 2022 - يىلى پۈتۈن يىلدا باغچە رايونىغا كىرگەن كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمى ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 125 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي باج كىرىمى تەخمىنەن 6 مىليارد يۈەن بولدى.

لو شۇچۈەن مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، باغچە رايونى يول، پورت، كەسىپ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، چۇڭچىڭنىڭ خەلقئارا ئىستېمال مەركىزى شەھىرى قۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. شىنجاڭ بىلەن يول، كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.