​مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

日期:2023年08月15日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى:

​مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

بۇ ئىككى كۈندە، ئاقسۇ بياۋشىن تالا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. «ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ قوللىشى، يېتەكچىلىكىدە، كارخانا تۇزدىن قايتا پايدىلىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ داۋۋېي.

شىنجاڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش چوڭ رايونى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ توپى ئاپتونوم رايون كۈچەپ بەرپا قىلىۋاتقان «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ بىرى بولۇپ، ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى كەسپىي خىزمەتكە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى كارخانىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق كەسىپلەر توپلانغان رايونلارغا بېرىپ، 117 توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆلىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەشكە ئەۋەتتى.

«بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىز مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى توقۇمىچىلىق سانائىتى كەسپىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ چىڭ مۇنداق بىلدۈردى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى كەسىپلەرنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، «شىنجاڭنىڭ گۈل بېسىش - بوياش كەسپىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى» «شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ ئاپتونوم رايونغا يوللاپ، دۆلەت قاتلىمىدىن شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى داۋاملىق قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەر بىلەن ماسلىشىپ شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ئاقسۇ بياۋشىن تالا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ لىتەي سىلۇ مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ئىنكاس قىلغان قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلەرنى ھەل قىلدى.

«ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىركەت بىر مەھەل خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش قىيىن بولۇش، توشۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ياردىمىدە، بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىندى» دېدى ئاقسۇ شىنزىزاۋ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يىن شياڭ.

باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نۇقتىلىق ھالقىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇردى. شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېچىلىدىغان 2023 - يىللىق شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى يىغىنىغا پائال تەشكىللىدى، تەييارلىق كۆردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىمىيەۋى تالا، يىپ ئىگىرىش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور توقۇمىچىلىق تۈرلىرىنى چۆرىدەپ، تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاش، كۆزلىمە نىشانغا يېتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەككە ئالاقىدار ئېتىبار سىياسەتلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن توشۇلۇش كىرا ھەققى، توك ھەققى ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ كۆچمە مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى.

ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى خىزمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى، يىپ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى، رەخت مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.6 ئاشتى.