​«شىنجاڭنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرى ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ»

日期:2023年08月12日
来源:天山网
【字体:

ھىندونېزىيە ئىستىخلا مەسچىتىنىڭ چوڭ ئىمامى نازارۇددىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى −

​«شىنجاڭنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرى ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى

تومۇزدىكى شىنجاڭ ئوتتەك قىزىپ، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرنى قاپلاپ، ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى.

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، ھىندونېزىيە ئىستىخلا مەسچىتىنىڭ چوڭ ئىمامى نازارۇددىن ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭغا كېلىپ، قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر كارخانا، بازار، مەسچىت، مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيىدا، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ھەربىر سۈرەت، ھەربىر ئەمەلىي كۆرۈنۈشتىن كونا شەھەر رايونىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى ساقلاپ قېلىنىپلا قالماي، يەنە ئاھالىلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپ، «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە»نى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلىپ، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ھەيران قالدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ تۈرلۈك بازارلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ساياھەتچىلەر ئارىلاپ - ئارىلاپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سالاملاشتى. مىللىيچە چالغۇلارنى ياساش - سېتىش دۇكىنىغا كىرگەندە، شادىيانە مېلودىيە ياڭرىدى، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، دۇكاندىكى پۈتۈنلەي قولدا ياسالغان دۇتتار، تەمبۇر، داپ قاتارلىق مىللىي چالغۇلار ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىك بەس - بەستە يان تېلېفونىنى چىقىرىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇ كەنتى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ۋەن تۇڭشۇ مۇقام ھۆججەت - ئەسەرلىرى سارىيى قاتارلىق جايلاردا، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى چالغۇ ياسىغۇچىلار، مۇزىكا ئورۇنلىغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چالغۇلارنىڭ ياسىلىش جەريانىنى ئىگىلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. «بۇ يەردە ئورۇنلانغان نومۇرلار بەك قالتىس ئىكەن.» ۋەن تۇڭشۇ مۇقام ھۆججەت - ئەسەرلىرى سارىيىدا ئون ئىككى مۇقامدىن ئارىيەنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن نازارۇددىن ئۆمەر شۇنداق دېدى.

«تەجرىبىخانا بارمۇ؟» «مەھسۇلاتنىڭ خام ماتېرىيالى قەيەردىن كەلتۈرۈلىدۇ؟»... قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر باش مۇدىر چېن ۋېنجۈندىن توختىماي سوئال سوراپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى تېتىپ كۆرۈپ، «شىنجاڭ تەمى»نى ھېس قىلدى.

«ئالاقە باغلاش ۋە ھەمكارلىشىشنى قارشى ئالىمىز.» ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى چېن ۋېنجۈنگە ئىسىم كارتىسىنى سۇنغاچ شۇنداق دېدى.

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئىلى تىيانشان خۇاخەي ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى تۇتاش كەتكەن ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزىدا، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا گۈللەرنى تاماشا قىلدى، سۈرەتكە تارتتى. «ئىلگىرىكى قاقاسلىق گۈزەل گۈل دېڭىزىغا ئايلىنىپتۇ، يەنە ناھايىتى ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلىپتۇ، بۇ بىر خىل ئىجادىي ھەرىكەت، بەك قالتىس ئىش بوپتۇ» دېدى ئىستىخلا مەسچىتى ئىبادەت قىلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى بۇخارى سايىل ئادائىل ماختاپ.

قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاق مەسچىت، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە زىيارەتتە بولغاندا، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر مەسچىتتىكى دىنىي خادىملار بىلەن دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ مەسچىت ئىچىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرگەنلىكىنى ئىگىلەپ، بەس - بەستە ئالقىشلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

«بۇ مۇزېيدىكى مول ساقلانمىلار بىزنى شىنجاڭنىڭ تارىخىنى يەنىمۇ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ھېس قىلدۇردى» دېدى ئىستىخلا مەسچىتىنىڭ باش كاتىپى ئاسېپ ساپۇدىن سوباندى.

«شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.» نازارۇددىن ئۆمەر مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مېنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم، غايەت زور تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم، بۇلار مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ئاساسى ياخشى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.