شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېرىم يىللىق پايدا ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشتى

日期:2023年08月06日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى، ساپ مۈلكى، تىجارەت كىرىمى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %9.4، %9.4، %6.7، %45.5 ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 902 مىليون يۈەن بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر شاۋ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، 1 - پەسىلدە ئۇلنى چىڭىتىپ ئاساسنى پۇختىلاپ، تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى؛ 2 - پەسىلدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن پايدا ئالىدىغان «ئاساسىي ھالەت»نى داۋاملاشتۇردى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 610 مىليارد 701 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشتى؛ ساپ مۈلكى 401 مىليارد 677 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى؛ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى جەمئىي 203 مىليارد 572 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 7 مىليارد 695 مىليون يۈەن بولدى.

ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئەمەلىي گەۋدە كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى جەمئىي 3 مىليارد 690 مىليون يۈەن بولۇپ، 1 - دەرىجىلىك كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش دائىرىسى %82.6كە يەتكەن. ئىككى پۇل مۇئامىلە كارخانىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى جەمئىي 4 مىليارد 4 مىليون يۈەن بولغان.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، %80كە يېقىن ساھە ئومۇمىي جەھەتتىن پايدا ئېلىش ھالىتىنى ساقلىغان. يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولغان. پۈتۈن ساھە ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى جەمئىي 12 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.9 ئاشقان، جەمئىي 495 مىليون يۈەن پايدا ئېلىنىپ، %229 ئاشقان؛ سانائەت كارخانىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن پايدا ئالغان، مېتاللۇرگىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ پايدا تىرىكى كۆرۈنەرلىك بولغان. پۈتۈن ساھە ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى جەمئىي 50 مىليارد 938 مىليون يۈەن بولغان، جەمئىي ئېلىنغان پايدا 770 مىليون يۈەن بولغان. مېتاللۇرگىيە سانائىتى كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى جەمئىي 10 مىليارد 371 مىليون يۈەن بولغان، جەمئىي ئېلىنغان پايدا 642 مىليون يۈەن بولغان؛ بىناكارلىق كەسپى قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ جانلىنىش مەزگىلىگە كىرگەن، كۆپ ساندىكى كارخانىلار كۆلەملىك تەرەققىي قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كىرىم ئۈنۈمىنى تېز ئاشۇرغان. پۈتۈن ساھە ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى جەمئىي 20 مىليارد 447 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئاشقان، جەمئىي ئېلىنغان پايدا 954 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.9 ئاشقان.