ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ھىندونېزىيە ئىستىخلا مەسچىتىنىڭ چوڭ ئىمامى نازارۇددىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年08月06日
来源:新疆日报
【字体:

​جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەن ھىندونېزىيە ئىستىخلا مەسچىتىنىڭ چوڭ ئىمامى نازارۇددىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن نازارۇددىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. شىنجاڭ تارىختىن بۇيان كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، ھەرقايسى دىنلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ، روشەن يەرلىكلىشىش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھە شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. چوڭ ئىمام نازارۇددىن ھۆرمەتكە سازاۋەر نوپۇزلۇق دىنىي ئالىم بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىشى ئىسلام دۇنياسىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان ئوبيېكتىپ، توغرا تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. چوڭ ئىمامنىڭ دائىم شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھىندونېزىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مىللەت - دىن، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدا چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نازارۇددىن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭغا 2 - قېتىم كېلىپ، غايەت زور تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تەجرىبە، ئۇسۇللىرى ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو مەدەنىيىتى تارىختىن بۇيان ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن، جۇڭگونىڭ ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىش، ئادىمىيلىككە ھۆرمەت قىلىش ئەنئەنىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئاتالمىش شىنجاڭدىكى «ئىرقىي يوقىتىش» پىتنە - ئىغۋالىرى كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. دىنىي زاتلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار. ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ئاساسى ياخشى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا بىر - بىرى بىلەن بولغان چۈشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھىندونېزىيە ئىستىخلا مەسچىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.