ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年08月06日
来源:新疆日报
【字体:

​جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. تىرىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم، زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى قىسمەن كۈچلەر پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئۈزلۈكسىز پىتنە - ئىغۋا توقۇپ شىنجاڭغا تۆھمەت چاپلاپ، ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» رەزىل غەرىزىنى ئاشكارىلىدى. ياشاش بارلىق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. بىزنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلب تۆرىمىزگە قويۇپ، زوراۋانلىق، تېررورىزمغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەقسىتىمىز ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ھەرقايسى ئەلچىلەر بۇ قېتىم زىيارەتكە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، شىنجاڭ توغرىسىدا يېڭى تونۇشقا ئىگە بولىدىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ كۆپچىلىك ئارقىلىق ھەقىقىي شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، دومىنىكانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چارلىز مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ ھەمدە تولۇق ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بوپتۇ، بۇ، ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئۈلگە. تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز پىتنە - ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىقىرىش، شىنجاڭ مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈشتىكى مەقسىتى شىنجاڭنى ۋاسىتە قىلىپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىن ئىبارەت. شىنجاڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش بوشلۇقى كەڭ بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ساموئانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارىنا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى پائال قوغداپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپتۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، تىنچلىق، گۈللىنىشنى ساقلاپتۇ. بىرمانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دىڭ ماۋرۇي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزا، كەنتلىرى تېز تەرەققىي قىپتۇ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپتۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇش، ئىقتىساد گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق بولۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپتۇ، بۇ، غەربتىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلغىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن. يېشىل تۇمشۇقنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دوروسارىئو مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشىپ خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىنى نامايان قىلىپتۇ، تىرىشىپ يېشىل تۇمشۇق - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىمىز. كولومبىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كاۋرېللا مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، كولومبىيە بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق ئالاقە ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى، ئۆزئارا دوستلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. نىكاراگۇئانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەنبېيېر مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ تىنچ، گۈللەنگەن ئەھۋالى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ پىتنە - ئىغۋا توقۇش ۋە تارقىتىش قىلمىشىنى ئەيىبلەيمەن، جۇڭگونىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللايمەن. ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەختىيار مۇنداق بىلدۈردى: ئىران - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسەلدى. شىنجاڭ ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىران جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، شىنجاڭ بىلەن ئۇل ئەسلىھە، ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. پاكىستاننىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى يىزازى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، پاكىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۆزبېكسىتاننىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك ئەلچى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى تۇرسۇنوف مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز.

بېلارۇسىيە، ئوتتۇرا ئافرىقا، كونگو (بىراززاۋىل)، لىبېرىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە، پېرۇ، مالايسىيا، ئەزەربەيجان، مېكسىكا، جەنۇبىي سۇدان، بوتسۋانا، مىسىر، گىۋىنېيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سۇرىنامنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.