​شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年08月06日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىلىدىكى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىلدى​

شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىلىدىكى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاش، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىش، تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەدرىجىي قويۇپ بېرىش، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى كونكرېت تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق ھالدا ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ تىك يۆنىلىشتە يۈكسىلىشىگە، توغرا يۆنىلىشتە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، ئاساسىي گەۋدىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېشىش نۇقتىسىنى قېزىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە كۈچ چىقىرىپ، ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرگە كۈچەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، سانائەتنىڭ ئېشىشىنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمالنى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش، زۆرۈر ئامىل جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كەسىپلىشىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.