باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

日期:2023年08月06日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 1 - شىسىنىڭ ئارال شەھىرى، 2 - شىسىنىڭ تيېمېنگۇەن شەھىرىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش بەنزىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە باش تېما تەربىيەسى سۆھبەت يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قاتنىشىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، باش تېما تەربىيەسى بويىچە ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى.

مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاقسۇ كۆكيار خاتىرە سارىيى، چەرچەن ناھىيەسى داشىمېن سۇ ئامبىرى، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتى، خېجىڭ ناھىيەسى خارنۇر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ شايار ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى ئەمەلىي مەشىق بازىسى، شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ كۇچا خانقاسىدا دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ كۈنەس بازىرىدىكى ئاق قۇ كۆلى مەيدانىدا شۇ جايدىكى ئامما بىلەن ئىختىيارىي پاراڭلىشىپ، باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە تايىنىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ بايىنغولىن ئوبلاستى لىتەي سىلۇ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ مېيكې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئاقسۇ جۇڭمەن نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ نېفىت شىركىتى كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈر بۆلۈمى، بىڭتۇەن 2 - شى شۇاڭفېڭ ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن تۈر قۇرۇلۇشى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىلارنى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى؛ بىڭتۇەن 1 - شى 359 - لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىڭتۇەن 1 - شى 9 - تۇەن 8 - ليەنىگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ۋاڭ گوشېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق كۆرسەتتى: باش تېما تەربىيەسى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئالاقىلىشىپ يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە نەزەرىيە ئۆگىنىشتىكى ئويلىنىشىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان پىكىر يولىغا ئايلاندۇرۇشىغا، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ۋاڭ گوشېڭ ئاپتونوم رايوندىكى تۆت چوڭ بەنزىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە باش تېما تەربىيەسى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئەمەلىيەتكە چۆكۈپ راست گەپ ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئۈنۈمى، ئىقتىدارىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.