(2023 - يىل 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن «2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات» ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن «2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى»نى ئاڭلاپ ئۆتتى. يىغىن ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىشقا بىرلەشتۈرۈپ، 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نەق چوت (لايىھە) ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نەق چوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قوشۇلدى، 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نەق چوتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.