شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوت تەڭشەش لايىھەسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى

日期:2023年08月06日
来源:新疆日报
【字体:

​(2023 - يىل 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن «2023 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوت تەڭشەش لايىھەسى (لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلات»نى ئاڭلاپ ئۆتتى، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوت تەڭشەش لايىھەسى (لايىھە)نى تەكشۈردى.

يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوت تەڭشەش لايىھەسى (لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاشنى، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوت تەڭشەش لايىھەسىنى تەستىقلاشنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى نورمىسى 91 مىليارد 400 مىليون يۈەننى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى نورمىسى 8 مىليارد 100 مىليون يۈەننى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.