پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى

日期:2023年08月06日
来源:新疆日报
【字体:

​ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى، كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان 2023 - يىللىق شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يازلىق ئاشلىقتا كۆلەم، ئومۇمىي ھوسۇل، بىرلىك ھوسۇل جەھەتتە «ئۈچ ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئومۇمىي ھوسۇل 7 مىليون 12 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھوسۇل 460 مىڭ توننا ئېشىپ، يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى جىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»تىن ئىبارەت ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنى بويىچە، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆلەمنى كېڭەيتىپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يازلىق ئاشلىقتىن يۇقىرى سەۋىيەدە مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە، شىنجاڭ سىياسەت يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىدى. مەركەزنىڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان 3 مىليارد 290 مىليون يۈەنلىك ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەر مو يەرنىڭ كۈزگى، يازغى بۇغداي ياردەم تولۇقلىمىسىنى 230 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، بۇغداي تېرىغان 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىن پايدا ئېلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 43 ناھىيەگە مەركەز مالىيەسى مۇكاپات مەبلىغىدىن 910 مىليون يۈەن تارقىتىپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنىڭ ئاشلىق كەسپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە ئىلھام بەردى.

كۆلەمنى كېڭەيتىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چۆرىدەپ، ئاشلىق كۆلىمى، ھوسۇل قاتارلىقلاردىكى باھالاش كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى باھالاشتىكى نومۇر قىممىتى ھوقۇق سالمىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى. ئىلمىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە 17 مىليون 700 مىڭ مو (شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىقى ئاساسلىقى بۇغداي) بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش نىشان - ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلۈپ، بۇلتۇر چۈشۈرۈلگەن ۋەزىپە كۆلىمىدىن 670 مىڭ مو ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون ھەرقايسى جايلار بىلەن «ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەدىنامىسى» ئىمزالاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى پەللىدىن ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت ۋە كونكرېت يەر بۆلەكلىرىگىچە دەرىجىمۇدەرىجە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى، پۇختىلىدى. بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 18 مىليون 164 مىڭ موغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 792 مىڭ مو كۆپىيىپ، مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق تېرىشتا ئاشقان تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %67.2ىنى ئىگىلەپ، ئېشىش مىقدارى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش جەھەتتە، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق قېزىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، بۇغداي باش ئالىمى، ئىش ئورنى ئالىمى ۋە ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتى تەسىس قىلىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ دائىرىنى ھۆددىگە ئېلىش بويىچە ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇغداي ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلدى. يەنە يېشىل، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكىتى تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، بۇغداي بىرلىك ھوسۇلى ئاشۇرۇلىدىغان بەش ناھىيە بەرپا قىلىپ، تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي ھوسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 386.1 كىلوگىرامغا يېتىپ، بۇلتۇرقى مو بېشى ھوسۇلىدىن 8.9 كىلوگىرام ئاشقان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مو بېشى ھوسۇلىدىن 19.93 كىلوگىرام يۇقىرى بولۇپ، بىرلىك ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرغان.