«مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق قوغداش» ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى شىنجاڭدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنىڭ ھەقسىز «ئوپېراتسىيە قىلىنىشى»غا ياردەم بەردى

日期:2023年08月11日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، شىنجاڭقەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدىن كەلگەن تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 20 بالا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇغما يۈرەك كېسىلى بويىچە نەيچە كىرگۈزۈپ يۈرەك دالانچىسىدىكى تۆشۈكنى ئېتىشئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان 13 بالا يېقىندا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، تۇغما يۈرەك كېسىلى بويىچەتاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان يەتتە بالىنىڭ ئوپېراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكەلدى.

بۇ يىل 5-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەشكىللىگەن «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق قوغداش-گۇاڭسەي . مىنشېڭ بانكىسى تۇغما يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش» خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋالاش ئەترىتى ئايرىم-ئايرىم ھالداخوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 20 ناھىيە، شەھەرگە بېرىپ، 1633 بالىنى تۇغما يۈرەك كېسىلى بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈپ،كېسەلگە گىرىپتار بولغان 270 بالىنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ چىقتى، بۇ بالىلار 7-ئايدىن باشلاپ، ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلدى ۋە داۋالاندى.

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا، يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدىن كەلگەن ئاغرىق بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى سۆزلىمەكتە.

(مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى)

«مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن!» 12 ياشلىق شياۋمۇ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ دېيىشىچە،5-ئايدا تۇغما يۈرەك كېسىلىبارلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، كېسەل سەۋەبىدىن كەلگۈسىدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىشىدىن بەك ئەنسىرىگەن، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغانلىقىنىبىلگەندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان.

«دوختۇرلار ۋە سېسترالار بالامغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، مەن ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.» شياۋمۇنىڭ ئاپىسىنىڭ دېيىشىچە، يولغا چىققاندىن تارتىپ دوختۇرخانىغا كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرگۈچە مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولغان، ھەتتا ئۈچ ۋاق تاماقنىمۇ سېستىرالار كېسەلخانىغا ئەكىرىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قىزىنىڭھالىدىن تېخىمۇ كۆپ خەۋەر ئېلىپ، قىزىغا ھەمراھ بولۇپ، قەلبى ئىللىقلىققا تولغان.

«ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بالىغا ۋاقتىدا دورا يېگۈزۈڭ، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ۋە ئومۇمىي قان تومۇر تىببىي داۋالاش مەركىزى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر 4-بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى فەن خاۋ دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ئاغرىقنىڭ ئائىلە تەۋەسى ئالىم ئوبۇلغا سەۋرچانلىق بىلەن تاپىلىدى.

ئالىمنىڭ ئوغلى بۇ يىل 9 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. «بالامنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن تارتىپ داۋالانغىچە ھېچقانداق چىقىمنى ئۈستۈمگە ئالمىدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت.» دېدى ئالىم مىننەتدار بولغان ھالدا.

ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق قوغداش-گۇاڭسەي . مىنشېڭ بانكىسى تۇغما يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش» تۈرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈپ داۋالاشنى قانات يايدۇرغان. ھازىرغىچە، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى 289 ئاغرىق بالا ھەقسىز داۋالانغان.

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى