دېڭىز بويىدىكى «شىنجاڭلىق يىگىت»

日期:2023年08月11日
来源:天山网
【字体:

[مۇھەررىردىن]

قەتئىي ئىرادە ۋە ئىستەك بولغاندىلا يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ، كۆڭلى - كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ بولغاندىلا ھەممىنى سىغدۇرالايدۇ. بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى مول بولدى، دەل مۇشۇ 10 يىلدا، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش»نى يولغا قويدى. بۈگۈندىن باشلاپ، «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى» باش سەھىپىسىدە، «ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» «سەپەر جەريانىدا ئاڭلىغانلىرىمىز» «سۆھبەت» «كۆزىتىش» «ئوبراز» «قۇلاق سېلىش» قاتارلىق تارماق سەھىپىلەر تەسىس قىلىنىپ، 10 يىلدىن بۇيانقى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدىكى ھۆكۈمەت، كارخانا، شەخسلەرنىڭ كۈرەش مۇساپىسى، تەسىرلىك ھېكايىلەر، جانلىق كۆرۈنۈشلەرگە نەزەرىنى قارىتىپ، يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋەر قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى كۆپ خىل شەكىلدە ئىجادىي نامايان قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى سۆزلەيدۇ. دىققىتىڭلاردا بولغاي.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، رايىدە

8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ھاۋا ئوچۇق! ماغېجاننىڭ جۇڭگو - قازاقىستان (ليەنيۈنگاڭ) ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 326 كۈن بولدى.

رۇس تىل - يېزىقى ۋە قازاق تىل - يېزىقىدىكى خەت - چەكلەرنى پۈتۈن زېھنى بىلەن تەرجىمە قىلغاندا، ماغېجان كالپۇكىنى ھىملاپ، سەل - پەل كۈچىگەندەك چىراي ئىپادىسى بىلەن قويۇق قاشلىق قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، تەتۈر «八» خېتىنى ھاسىل قىلاتتى. ۋاقىت ئۇنىڭ ئالدىدا توختاپ قالغاندەك ئىدى. ئەمما بۇ يىگىتنىڭ بارماقلىرىنىڭ مىدىرلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو تىل - يېزىقى راۋان ھالدا كومپيۇتېر ئېكرانىدا ھاسىل بولدى، ھەرپلەرنىڭ يەڭگىل ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز خۇددى يىراقتىن تارالغان ناخشا ساداسىغا ئوخشايتتى.

مۇخبىرلارنى كۆرۈپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. «ياخشىمۇ سىلەر! شىنجاڭدىن كەلگەن مۇخبىرلار ئىكەنسىلەر - دە!» ماغېجاننىڭ چېھرىدە شۇ ھامان تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ئۇنىڭ پۇتۇڭخۇاسى شۇ قەدەر ئۆلچەملىك ئىدىكى، ئۇنىڭ قازاقىستانلىق ئىكەنلىكىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىدىن ئارقا تەرىپىگە نەزەر سالغاندا، دېرىزە سىرتىدىكى غايەت چوڭ باك ئۈستىدە «چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنى تۇتاشتۇرۇپ تىنچ ئوكياندا يەلكەن چىقىرىش» دېگەن قىزىل رەڭلىك چوڭ خەتلەر كۆك ئاسمان ئاستىدا يېيىلىپ، خۇددى كەڭ ئېچىلغان بىر جۈپ بىلەككە ئوخشايتتى.

ماغېجاننىڭ بىزگە قارىغاندىكى نەزەرى باشقىلارنىڭكىگە ئانچە ئوخشىمايتتى، دوستانىلىقتىن باشقا يەنە بەزى نەرسىلەر باردەك قىلاتتى، كىشىگە ئىختىيارسىزلا يېقىنلىق تۇيغۇسى بېغىشلايتتى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەن شىنجاڭ تارباغاتاينىڭ تولى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان» دېگەنگە قەدەر بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىگەنىدۇق.

ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ باشتىن كەچۈرگەنلىرى دەل يىپەك يولى سودىسىنىڭ دولقۇنىدىن كەلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى خۇددى باھار دولقۇنىدەك تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ باقتۇ پورتىغا يېتىپ كەلدى، پورتنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قازاقىستان ۋە جۇڭگو پۇقرالىرى دۆلەت ھالقىغان سودىنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە ئۈلگۈردى.

«تاغامنىڭ ئۆيى تولىدا، باقتۇ پورتىغا 100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ چاغلاردا تاغام تاشقى سودىغا مەخسۇس كۆڭۈل بۆلەتتى، سودىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى، شۇڭا ئاتا - ئانامنى قازاقىستاندىن جۇڭگوغا كېلىشكە تەكلىپ قىلغانىدى، بۇ جايدا پۇرسەت كۆپ ئەمەسمۇ.» 1994 - يىلى، جاراڭلىق يىغا ئاۋازى بىلەن تەڭ بىر ئوغۇل بالا تۇغۇلدى، ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىپ كۆرگىنى تولىنىڭ سۈپسۈزۈك كۆك ئاسمىنى بولدى.

بۇ ئايرىلماس مۇناسىۋەت ماغېجاننىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدە داۋاملاشتى. توققۇز ياشتا، ئاتا - ئانىسى ئۇنى تولى ناھىيەسىگە ئەۋەتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇتتى. «بۇ، جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشىم ئۈچۈن بولدى، دادام جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ياخشى ئۆگەنسە كەلگۈسىدە چوقۇم ئەسقاتىدۇ دېدى، دادام يىراقنى كۆرەر ئىكەن» دېدى ماغېجان.

جۇڭگوغا كېلىش ماغېجاننىڭ قەلبىدە ئۇرۇق بولۇپ تېرىلىپ، خۇشپۇراق گۈللەرنى ئېچىلدۈردى. 2013 - يىلى، ماغېجان 19 ياشتا ئىدى، بۇ ياش يىگىت ئاتا - بوۋىلىرى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىن مەنپەئەتلەنگەنگە ئوخشاش، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىمۇ يەنە بىر يىپەك يولى سودىسى ئالتۇن دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن غايەت زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. شۇ يىلى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ماغېجاننىڭ ۋەتىنى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇزاق ئۆتمەي، شەرقتىكى ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدە جۇڭگو - قازاقىستان (ليەنيۈنگاڭ) ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسى رەسمىي قۇرۇلدى، بۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ماكانلاشقان تۇنجى ئەمەلىي گەۋدە تۈرى ئىدى.

دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق سانسىزلىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا يېپيېڭى كۆزنەكلەرنى ئاچتى. «تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا داشۆسىگە كېلىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدۇم. مەيلى ئىقتىساد ياكى مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالاقىسى ئىزچىل ناھايىتى قويۇق بولۇپ كەلدى، مەن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ماغېجان.

تەقدىر يەنە بىر قېتىم ئۇنى جۇڭگو بىلەن باغلىدى. «ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىر دوستۇم جۇڭگو - قازاقىستان (ليەنيۈنگاڭ) ئەشيا ئوبوروت ھەمكارلىق بازىسىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يەردە مېنىڭ جۇڭگو بىلەن قازاقىستانغا بولغان مېھر - مۇھەببىتىمنىڭ قانائەت ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى، ئائىلەمدەك ھېس - تۇيغۇدا بولالايدىغانلىقىمنى ئېيتتى، ئۇ چاغدا ليەنيۈنگاڭنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم، لېكىن يەنىلا كەلدىم، مەن تېخى ياش، دۇنيانى كۆرۈپ بېقىشىم كېرەك!»

بويى 1 مېتىر 80 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئېگىز بويلۇق بۇ ياش يىگىت بۇ جايدا ھەقىقەتەن دۇنيانى كۆردى. «ليەنيۈنگاڭغا يېڭى كەلگەندە، تۇنجى تەسىراتىم ھەيرانلىق بولدى، بۇنداق چوڭ پورتنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدىم.» ماغېجان مۇنداق دېدى: ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن پاراخوت تىنچ ئوكياندىن پورتقا كىرىدۇ، لىق يۈك بېسىلغان نۇرغۇن يۈك ساندۇقى پورتتا قاچىلىنىدۇ - چۈشۈرۈلىدۇ، ئۇزۇن كەتكەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى توختىماي پورتتىن يولغا چىقىدۇ، بۇ مەن ئەزەلدىن بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈپ باقمىغان مەنزىرە. «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» بىلەن «21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدە ئۇچرىشىشى ماغېجانغا ئۆزىنىڭ بىر ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدۇردى. «ھاياتلىق ماڭا بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئۇلۇغ دەۋر بىلەن ئۆتۈشۈپ كەتكۈم يوق».

بۇ، بىر ياش يىگىتنىڭ ئۆزىگە بەرگەن قەسىمى، رېئال تۇرمۇش ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سىنايدۇ. ماغېجاننىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ئاساسلىقى تۈرلۈك ھۆججەتلەر بىلەن ھەپىلىشىش، خەت - ئالاقىلەرنى تەرجىمە قىلىش، ئەشيا ئوبوروتىنى تەستىقلىتىش قاتارلىقلار ئىدى، 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - قازاقىستان ئەشيا ئوبوروتى بازىسىنىڭ سودا سوممىسى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ، كۆلىمى بارغانسېرى زورايدى، ھەربىر پارچە خەت - چەكنىڭ ئارقىسىدا سوممىسى غايەت زور ئىقتىسادىي پائالىيەت بار. ھالبۇكى، بۇنداق خەت - چەكلەردىن بىر قېتىمدا نەچچە پارچە ئەمەس، بەلكى نەچچە ئون پارچە كېلىدۇ. «بەزىدە نەچچە يۈز بەت ھۆججەت ئالدىمغا دۆۋىلەنگەندە، بۇلارنى تەرجىمە قىلىش ھەقىقەتەن ئېغىر بېسىم بولىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى جۇڭگولۇق خىزمەتداشلىرىم ماڭا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېنىمدا!» ماغېجان يەنە كۈلۈمسىرىگىنىچە مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇ جايغا تولىمۇ ماسلىشىپ كەتتىم!»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى، جۇڭگو - قازاقىستان (ليەنيۈنگاڭ) ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسى، «قورغاس - شەرقىي دەرۋازا» ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى سۇسىز پورتى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. «بۇنىڭدىن ئىلگىرى قازاقىستانغا قايتقىنىمدا، قازاقىستاننىڭ كوچىلىرىدا جۇڭگو ماركىسىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا ماكانلاشقانلىقىنى كۆردۈم.» ماغېجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى قازاقىستانغا ماكانلاشقان بىر جۇڭگو كارخانىسىدا خىزمەت قىلىدىكەن.

ماغېجان جۇڭگودىكى تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانماقتا. «جۇڭگودا ئۆتكۈزگەن ھەربىر كۈنۈم مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك كەچۈرمىشىم، بۇ كۈنلەرنى چوقۇم قەدىرلەيمەن، ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇ جايدا ئۇزاق مەزگىل تۇرۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى ماغېجان كۈلۈپ تۇرۇپ.

«جۇڭگونى بۇنچە ياخشى كۆرىدىكەنسىز، جۇڭگولۇق كېلىنچەك بىلەن توي قىلامسىز؟»

«مەن تىرىشىمەن».