ئالدىنقى يېرىم يىلدا سانائەتتە «مۇقىم» بولۇش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى، ھاياتىي كۈچ گەۋدىلەندۈرۈلدى

日期:2023年08月06日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

پىژغىرىم ياز كۈنلىرىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىدا چوڭ تىپتىكى ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر گۈرۈلدەپ ئىشلەپ، مۇھىم، زور سانائەت تۈرلىرىدە نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىنىپ، كۈندە بىر يېڭى ئۆزگىرىش بولماقتا.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسىپلىرى زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولدى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشتى.

ئېنېرگىيە سانائەت ئىقتىسادىغا مۇقىم تىرەك بولدى

ھازىر، ئىلى شىنكۇاڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كىرگەندە، ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش سۇپىسىدىن كۆمۈر قېزىش ماشىنىسى، تېز قېزىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، قېزىش نەق مەيدانىدىكى ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بۇ كارخانا 4 مىليون 130 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارىدا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى، پۈتۈن يىلدا 8 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەندى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېنېرگىيە كەسپى شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇقىم تىرەك بولدى، 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 211 مىليون 511 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشتى؛ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 16 مىليون 803 مىڭ 700 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 21 مىليارد 561 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئاشتى؛ توك تارقىتىش مىقدارى 237 مىليارد 501 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئاشتى.

كۆمۈر سانائەتتە ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان «مۇقىملاشتۇرغۇچ». 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قومۇلدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 69 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، قومۇلدىكى كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېنېرگىيە بازىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تا تېز يەتكۈزۈلۈپ، يىراققا يەتكۈزۈلۈپ، كۆمۈرنى ئەڭ يىراق بولغاندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگىچە ساتتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا كۆمۈر توشۇش مىقدارى 62 مىليون 740 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 26 مىليون 521 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئاشتى.

«كۆمۈر كەسپى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل، خاس كەسىپلىرىنىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىشەنچ ئاساسى.» شىنجاڭ داشۆ ئۆلكە، مىنىستىرلىق ئورتاق قۇرىدىغان كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىمىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ لۇشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» ئورۇن بېكىتمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، كۆمۈر كەسپىنى ئۇزاق، يېتەرلىك تەرەققىياتقا ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بويىچە تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، كۆمۈر كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

جابدۇق ياسىمىچىلىقى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار چۇەنچى ئاپتوموبىلى 2023 - يىلى نۇسخىسىنىڭ GS4 تىپىدىكى بىر تۈركۈم يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. بۇ يىل كارخانا يەنە يىڭباۋ، يىڭكۇ، يىڭسۇ قاتارلىق كۆپ خىل ئاپتوموبىل تىپىنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال توپلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن ھەمدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازىرىنى پائال كېڭەيتىدىكەن.

ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى تېز سۈرئەتتە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازىرىنى پائال ئاچتى، ئېكسپورت زاكازلىرى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. «ئالدىنقى يېرىم يىلدا 3712 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61 ئاشتى، ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلغان ۋە ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %168 كۆپەيدى.» بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شى شىنلى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز بۇ يىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى مەركەزلىك ئىشلەپچىقىرىپ، ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش يېڭى مۇسابىقە يولىغا رەسمىي كىرىپ، شىنجاڭ رايونىدا سودىغا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، 4 - پەسىلدە ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل تىپى، X6000 ئاپتوموبىل تىپى ۋە مېتىل ئالكوگول ئاپتوموبىلىنى تۈركۈملەپ زاكاز قوبۇل قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى.

دۆلەت ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ زور تۈركۈمدىكى توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، تىرانسفورموتور، كابېل قاتارلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى ۋە ماتېرىياللىرى بازىرىدا ئېھتىياج كۈچلۈك بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەۋزەل توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇق مەھسۇلاتلىرى زاكاز تالونى يېتەرلىك بولۇپ، كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشقا تولۇق كىرىشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە تىرانسفورموتور مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46 ئاشتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى تۈۋرۈك كەسىپ بولغان جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا يادرولۇق كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە كەسىپ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى سىجىل ئېشىپ، نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشتى، 1 - پەسىلدىكىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى.

بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى بويىچە يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن 30 ئۆپچۆرىسىدە كىرگۈزۈپ، كەسىپ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، پۈتۈن ئاپتوموبىل، پۈتۈن ماشىنا ياساش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، غەربىي رايون جابدۇق ياسىمىچىلىقى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.

يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشقا باشلىدى

«ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلىرى تېز سۈرئەتتە ئاشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى.

سانائەت ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق پۇختا، ساغلام راۋاجلىنىپ، سانائەتنىڭ ئېشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى ئىلتىماس قىلغان «ئېلېكتىرود ياپراقچىسىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قوللىنىش» تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق يۆنىلىشىدە ئېرىشكەن تۇنجى پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى. بۇ تۈر دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېلېكتىر سايمانلىرى زاپچاسلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق خام ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارى ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش رولىغا ئىگە.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشقا پائال يېتەكلەپ، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا 401 كارخانىنىڭ 17 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى يەتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

تېخنىكا جەھەتتە سەرخىللاشتۇرۇپ، قوللىنىش جەھەتتە كېڭەيتىش، كاپىتال ئارقىلىق كۈچ قوشۇش تېخىمۇ كۆپ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت ئادەم» كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، ئاپتونوم رايونىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى يۈرۈشۈشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گو رۇيبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭدا «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشتا ھەم «مىقدار» كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى، ھەم «سۈرئەت» كۆرۈنەرلىك تېزلىتىلدى. ئاپتونوم رايون 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ تىرىشىپ يىلىغا 100 مىڭ توننا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، شيېشىن كىرېمنىي كەسپىنىڭ يىلىغا 100 مىڭ توننا سانائەتتە ئىشلىتىدىغان كىرېمنېي، جىسۈن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى شىركىتىنىڭ يىلىغا 60 مىڭ توننا باتارېيە دەرىجىلىك لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق 17 مۇھىم، زور تۈرنىڭ پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ياكى قىسمەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا قۇرۇلۇۋاتقان ۋە قۇرۇلغان يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىلغار پەن تەتقىقات كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەقسىملەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ يادرولۇق تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۆپەيتكۈچى ئېففېكتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چەكسىز ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلىدى.

پۈتۈن يىلغا نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادى ھازىرقى «مۇقىم بولۇش» ئارقىلىق ئۇزاق مەزگىللىك «تەرەققىيات»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بېسىمنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.