قورغاس پورتىدىن بۇ يىل قاتنىغان نۆۋەتچى پويىز 4000 قېتىمدىن ئاشتى

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە، بۇ يىل قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز سانى 4000 قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 22 كۈن ئالدىغا سۈرۈلگەن.

بۇ يىلدىن بۇيان، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، توشۇش ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تەقسىملەپ، جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش سانى ھەم توشۇش مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان يولدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 3864كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.8 ئاشتى؛ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى 5 مىليون 283 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.4 ئاشتى.

بۇ يىل، قورغاس ۋوگزالى جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى تىرانسپورتىنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ۋوگزال، مەيدان، لىنىيەلەرنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ، كۈندىلىك نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يېتىپ كېلىش - يولغا چىقىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، لىنىيەدىن پايدىلىنىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى كۈتۈۋېلىش، يولغا سېلىش ۋە گۇرۇپپىلاپ تەشكىللەش، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى مۇۋاپىق تەشكىللىدى. نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى تەشكىللەش تەرتىپىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بېلەت تەرجىمە قىلىش، تەكشۈرۈش، ۋاگون ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يەتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلارنى ئالدىغا يۆتكەپ، پويىزلارنى كۈتۈۋېلىش، يولغا سېلىش، پويىزلارنىڭ لىنىيەسىنى تەڭشەش، يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئۈنۈمى ۋە پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتناش سانىنىڭ ئۇدا تۆت ئاي ھەر ئايدا 600دىن كۆپ بولۇشىنى ساقلىدى.

قورغاس ۋوگزالى تاموژنا، كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پويىزلارنىڭ يولغا چىقىش، تەكشۈرۈش ۋە يېتىپ بېرىش ۋاقتىنى ئالدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەشغۇلاتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - قازاقىستان قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، پويىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلدى. رەقەملەشكەن پورت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، قەغەزسىز مەلۇم قىلىشنى يولغا قويۇپ، تالون بېجىرىش بىلەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ ماڭدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ۋوگزالدا توختاش ۋاقتىنى قىسقارتتى.

نۆۋەتتە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 77گە يېتىپ، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەت، 45 شەھەر ۋە رايونغا تۇتۇشۇپ، ماللارنىڭ تۈرى 200 خىلدىن ئېشىپ، يېڭى كەسىپلەر تەرەققىياتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.