«داڭلىق چۈشەندۈرگۈچى» مۇشۇنداق تاۋلاندى

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«ساياھەتچى دوستلار ياخشىمۇسىلەر، مەن مەنزىرە رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمەن.» 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئەتىگەندىلا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى گۈلبوستان ئوبۇل بىر تۈركۈم يېڭى ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

چۈشەندۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۈلبوستان ھەر كۈنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلار بىلەن شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن تەڭ بەھرىلىنىدۇ.

«ھەممەيلەن <قەشقەرگە بارمىسا، شىنجاڭغا بارغان ھېسابلانمايدۇ، قەدىمىي شەھەرگە بارمىسا، قەشقەرگە بارغان ھېسابلانمايدۇ> دېيىشىدۇ. بىز ھازىر ساياھەت قىلىۋاتقىنىمىز ئارىيا يولى، كوچا بويىدىكى قۇرۇلمىسى ئىككى قەۋەت ياكى ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ بىرىنچى قەۋىتى دۇكان، ئۈستۈنكى قەۋىتى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇسى.» گۈلبوستان ماڭغاچ سۆزلەپ، قىلچە ھارغىنلىق ھېس قىلمىدى. تەشتەك بازىرى، كەتمەن بازىرى، ياغاچ جابدۇقلار بازىرى، دوپپا بازىرى... ھەربىر بازارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئۇ ھەمىشە ناھايىتى قالتىس چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

قاتار - قاتار كوچىلار، رەت - رەت ئىمارەتلەر، گۈلبوستاننىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى كىشىنى خۇددى بىر مەيدان جانلىق كىنو كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خاسلىققا تولغان باش پېرسوناژلار، ئەگرى - توقاي تارىخ، شۇنداقلا زامانىۋى يېڭى تۇرمۇش بار. نۇرغۇن ساياھەتچى ھاياجانلانغان ھالدا: «قەدىمىي شەھەر ئەسلىدە مۇشۇنداق ئىكەن - دە» دېيىشتى.

«مەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ھازىر يەنە قەدىمىي شەھەر مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچىغا ئايلاندىم...» قەشقەر قەدىمىي شەھىرى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، گۈلبوستان ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىدىغان بۇ چۈشەندۈرگۈچىنىڭ سەككىز يىل ئىلگىرى تېخى «بۇ كەسىپتىن خەۋىرى يوق» ئىدى.

2015 - يىلى، داشۆنى پۈتكۈزگەن گۈلبوستان قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ چۈشەندۈرگۈچى تەكلىپ قىلىش توغرىسىدىكى خەۋىرىنى كۆرۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەيلا تىزىملاتتى. «گەرچە مەن ئۆگەنگەن كەسىپ چۈشەندۈرگۈچى بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، لېكىن مەن بۇ كەسىپنى ياخشى كۆرگەچكە، سىناپ بېقىش ئويىغا كەلدىم» دېدى گۈلبوستان.

مىڭ يىللىق قەدىمىي كوچا − ئۆستەڭبويى يولى، يۈز يىللىق قەدىمىي چايخانا، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى بازىرى... گۈلبوستان قەدىمىي شەھەرنىڭ خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتى، ئادىمىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قازدى.

«قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى دەل قەدىمىي شەھەر ئاھالىلىرىنى <ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرغۇزۇش، ئالتۇن ۋىۋىسكا ئاسقۇزۇش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگۈزۈش> قۇرۇلۇشى.» قەدىمىي شەھەردىكى غايەت زور ئۆزگىرىش گۈلبوستاننى تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقىغا ئىگە قىلدى، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساياھەتچىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولدى. لېكىن دەسلەپتە ناتونۇش ساياھەتچىلەرگە يۈزلەنگەندە، ئىچ مىجەز گۈلبوستان ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىدى، چۈشەندۈرۈش سۆزىنى ئۆلۈك يادلىدى، ھەتتا ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزىگە قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.

«چۈشەندۈرگۈچى ھەرگىزمۇ چۈشەندۈرۈش سۆزىنى توشۇغۇچى ئەمەس، ئەگەر چۈشەندۈرۈش سۆزىدىكى بىلىمنى بىر چېلەك سۇغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا بىز لىپمۇلىق بىر ئىدىش سۇ تەييارلىشىمىز كېرەك.» قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ سۆزى گۈلبوستاننىڭ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان غەيرىتىنى قايتۇرۇپ كەلدى.

چۈشەندۈرگەندە تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك بولمىغاچقا، ئۇ ۋاقىت تاپسىلا قايتا - قايتا مەشىق قىلدى؛ ئۇ ئىچ مىجەز خاراكتېرىنى يېڭىپ، ئاڭلىق ھالدا جەمئىيەتتىكى پائالىيەتلەرگە كۆپ قاتناشتى؛ تېخىمۇ كۆپ بىلىم توپلاش ئۈچۈن، ئۇ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك كىتابلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، مۇتەخەسسىسلەردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، «ئىدىش - ئىدىش سۇ» تەييارلاشقا تىرىشتى.

ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. گۈلبوستان ئاستا - ئاستا مەنزىرە رايونىنىڭ داڭلىق چۈشەندۈرگۈچىسىگە ئايلاندى. قەدىمىي شەھەرنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدىمۇ ئۇ ھېكايە سۆزلىيەلەيدىغان، ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر بىلەن ئورتاق ھېسسىيات نۇقتىسىنى تاپتى.

گۈلبوستاننىڭ قارىشىچە، چۈشەندۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ قىممىتى دەل تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كىرىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىكەن، «ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇشى دەل بىزنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىمىز».

قەدىمىي شەھەردە «قەدىمىيلىك» شۇنداقلا «يېڭىلىق»مۇ بار، بۈگۈنكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دۇنياغا قەشقەر ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان بىر يېڭى «ئىسىم كارتىسى»غا ئايلاندى.

گۈلبوستان ھازىرقى چۈشەندۈرگۈچىلىك خىزمىتىدىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «قەدىمىي شەھەردە ھەركۈنى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ دەل قەدىمىي شەھەرنىڭ كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان يېرى».