بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇردى

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى:

بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تۆمۈريول پورتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىناسى بىرلەشمە ئىش بېجىرىش زالىغا كىرگەندە، لىنىيە ھەر تەرەپكە گىرەلەشتۈرۈلۈپ توقۇلغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسىنىڭ كۆرسەتمە خەرىتىسىدە، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يول كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتاتتى. ئۇ شەرقتە ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، غەربتە ئالاتاۋ، قورغاس پورتىغا تۇتۇشۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىدا چېگرا سىزىقىدىن ئۆتۈپ داۋاملىق غەربكە قاراپ سوزۇلغانىدى، ئاخىرقى بېكەتنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ئون كۆك رەڭلىك كىچىك بايراق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تارالغانىدى.

بىر يىل ئىلگىرى، بۇ جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى كۆرسەتمە خەرىتىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ سىنچىلاپ قارىدى.

«ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسىغا ئوخشاش ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى تارىخ يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما چۇنلېي باش شۇجىغا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلغان چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى بىزگە بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى».

كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا گۈدۈك چېلىنىپ، نۆۋەتچى پويىزلار قاتناۋاتاتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدە ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە ھاردىم - تالدىم دېمەيدىغان كېشەك كىرانى رەڭگارەڭ يۈك ساندۇقلىرى بىلەن بىللە، تاشقى دۇنياغا شىنجاڭنىڭ نىسبەتەن يېپىق ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلانغانلىقى، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى ۋە كەسىپلەر توپلاشقان يېڭى ئېگىزلىكنى تېز بەرپا قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالنى يەتكۈزۈۋاتاتتى.

شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى دېڭىز - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغىچە ئۇزارتتى؛ «جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت يولى + قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى سىناق نۆۋەتچى پويىزى» تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتناپ، «جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان» يولىنىڭ كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى ... بىر يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتىدىكى يېڭى ئەندىزە، يېڭى بۆسۈش ئارقىلىق، ئىككى بازارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى خىل بايلىقنى قوزغىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلدى ۋە سىڭىشتى. بۇ يىل 4 - ئايغىچە، جەمئىي 6800 جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى، خەلقئارا تاشيول يۈك تىرانسپورتى بويىچە جەمئىي 41 مىڭ ئاپتوموبىل يۈك توشۇلدى، 21 نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى ياۋروپا - ئاسىيادىكى 19 دۆلەت ۋە رايوندىكى 26 شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلدى.

«شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ چەت ئەل بازارلىرىنى ئېچىشتىكى سېتىش يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل، بىز جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق، قازاقىستانغا شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ ئېغىر تىپتىكى ئاپتوماتىك يۈك چۈشۈرۈش ئاپتوموبىلىدىن 200نى ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىدۇق» دېدى شىنجاڭ شىنجىن بەيشېڭ ئىمپورت - ئېكسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لەن جۇڭۋېي. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا تايىنىپ، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەت ئەل بازىرىنى ئېچىش بىلەن بىللە، ھەم شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولدى ھەم ئەنئەنىۋى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا چىقىپ ھەمكارلىقنى كۆزلەيدىغان بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى پورت ۋە ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى كۈنسېرى كۈچەيدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئالاتاۋ ۋە قورغاس پورتىدىن چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 7160 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشتى، مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى 12 مىليون 301 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشتى. فارفور خىش قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى تۆۋەن مەھسۇلاتلارنى توشۇشتىن، شىنجاڭنىڭ يەرلىك پولات ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ھەمدە جۇجياڭ دېلتىسى، چاڭجياڭ دېلتىسى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى توشۇشقىچە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا توشۇلىدىغان يۈكلەرنىڭ تۈرى 200 خىلدىن كۆپرەككە يەتتى.

چىراغ ئۇزاققىچە ئۆچمىگەن يەنە بىر كېچە بولدى، شىنجاڭ خۇڭيۈندا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىدە، باش مۇدىر ياڭ يۇڭگاڭ بىر تەرەپتىن خىزمەتچى خادىملارنى باشلاپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت توشۇش تالونى، پويىزدا تەڭ ئەۋەتىلىدىغان تالون كىنىشكىسى قاتارلىق نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈك توشۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن شىركەتنىڭ قازاقىستاندىكى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتىدىن مالنىڭ يەتكۈزۈلۈش ۋاقتىنى جەزملەشتۈرۈۋاتاتتى.

«ئادەتتىكى ئەندىزە بويىچە، نۆۋەتچى پويىز قازاقىستان چىگراسىغا كىرگەندىن كېيىن نۆۋەت بويىچە ماللار ئالماشتۇرۇپ قاچىلىنىپ، ئالمۇتاغا توشۇشقىچە ئاز دېگەندە 20 نەچچە كۈن كېتەتتى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا ئۆلچەملەشتۈرۈپ كېڭەيتىش ئەندىزىسى قوللىنىلغاچقا، ھازىر ماللار قورغاس پورتىغا يەتكۈزۈلۈشى بىلەنلا ئالماشتۇرۇپ قاچىلىنىپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون كۈندە مەنزىلگە يەتكۈزۈلىدىغان بولدى، بۇ، كارخانىلارغا ئەشيا ئوبوروتى ۋاقىت تەننەرخىنى تېجەپ بەردى.» ياڭ يۇڭگاڭ مۇنداق دېدى: پورت مەشغۇلات ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىركەتنىڭ ئومۇمىي كەسىپ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئەتراپىدا ئاشتى.

سىرتقا قارىتىلغان چوڭ يول مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ تەشەببۇسكار ھالەتتە سىرتقا چىقىش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، خەلقئارا سودا ھەمدە پورت ئەتراپى ياسىمىچىلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، جەمئىي 165 كارخانىنى كىرگۈزدى، جەمئىي تىزىملاتقان دەسمايە تەخمىنەن 3 مىليارد 722 مىليون يۈەن بولدى. بۇ يىلدىن بۇيان، 27 كارخانىنى كىرگۈزدى، تىزىملاتقان دەسمايە 280 مىليون يۈەن بولدى. بۇ يىل 3 - ئايغىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى 237 مىليارد 430 مىليون يۈەن سودا سوممىسىغا تۈرتكە بولدى، بۇ يىل 1 - پەسىلدىلا، 21 مىليارد 500 مىليون يۈەن سودا سوممىسىغا تۈرتكە بولدى.

«2000 نەچچە يىل ئىلگىرى جاڭ چيەن مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ غەربىي يۇرتقا بارغان، بۈگۈنكى كۈندە، بىز چوقۇم يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ ئېيتقىنىدەك <تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلار>نى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.» ما چۇنلېي مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ غەربكە يۈزلەنگەن ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىنى تەشكىللەپ قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئەشيا ئوبوروتى، سودا، كەسىپ، مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپتىكى رايونلارغا نىسبەتەن تەسىر كۈچكە ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولىغا ئىگە بولغان خەلقئارالاشقان كارخانا بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، قوش ئايلىنىشلىق ئەركىن سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇنىۋېرسال لايىھە بىلەن تەمىنلەش سودىگىرىگە ئايلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپ بىلەن سودىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يول ئىقتىسادىنىڭ تېزدىن تۈگۈن ئىقتىسادى، كەسىپ ئىقتىسادى، ماكانلاشقان ئىقتىسادقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.