بىر مەقسەت، بىر سەپتە بولۇپ بەختلىك ماكاننى ئورتاق قۇردى

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى:

بىر مەقسەت، بىر سەپتە بولۇپ بەختلىك ماكاننى ئورتاق قۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ

ياز كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى ئوتتەك ئىسسىپ كەتكەنىدى، كەچ كىرگەندە ھاۋا سەل سالقىنلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىنىڭ «قىزىقلىق دەرىجىسى» پەسەيمىدى. دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ئازادە مەھەللىنىڭ كىچىك مەيدانىدا خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭراپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، مەززىلىك تائاملاردىن ھەمبەھرىلەندى. 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، بىر مەيدان مەھەللە 100 ئائىلە زىياپىتى بۇ يەردە قىزغىن ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىدى.

بىر يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىرلىكتە مۇڭدىشىپ، ھازىر بىلەن ئۆتمۈش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن ھال - ئەھۋال سورىدى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئايرىلماس ئەزاسى، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئالاھىدە قەدىرلەپ، 56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ياد ئېتىشى، سەمىمىي تاپشۇرۇقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى مول، رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىرلىكتە ئۆگىنىش، بىرلىكتە ئىشلەش، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا ئالاقىلەشتى، ئالماشتۇردى، يۇغۇرۇلدى.

68 ياشلىق لى لىمىن بىر تەخسە ياغدا پىشۇرۇلغان يوۋگاۋنى كۆتۈرۈپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئابدۇللا نۇرمەمەتنى باشلاپ بىر ئۈستەلدە ئولتۇردى. «ئالدىنقى قېتىم سىز تەييارلىغان سېرىقئاش بەكمۇ يېيىشلىك بوپتۇ، بۈگۈن مېنىڭ قولۇمدا ئەتكەن تائامنى تېتىپ بېقىڭ.» ئۇ ياغدا پىشۇرۇلغان يوۋگاۋنى ئۆزىدىن ئون ياش كىچىك بولغان بۇ ئىنىسىغا بۆلۈپ بېرىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن گەنبيەن سومەننى تېتىپ باقتى: «بەك يېيىشلىك قىلىپ قورۇپسىز، مېنىڭ يەنە سىز ئەتكەن پولۇنى يەپ باققۇم بار ئىدى».

ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈپ، شادلىققا چۆمدى. بۇنىڭغا ئوخشاش 100 ئائىلە زىياپىتىنى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى ئون يىلغا يېقىن ئۆتكۈزدى، ھەر قېتىملىق بايراملىق تەبرىكلەشلەردە ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى ئەنئەنىگە ئايلاندى.

لى لىمىن ئۇچرىغانلا ئادەمگە ئابدۇللانىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى ماختايتى، ئادەتتە ئۇنىڭ ئۆيىدە چوڭ - كىچىك ئىشلار چىقىپ قالسا، ئابدۇللا دائىم ئۇياق - بۇياققا چېپىپ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرەتتى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئۆيدىكى گاز ئوچاق يېقىلمايدىغان بولۇپ قېلىپ، ئۇ ھويلىدا پاراڭلاشقان ۋاقتىدا بۇنى مۇنداقلا تىلغا ئالغانىدى، ئابدۇللا بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىللە كىرىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولدى.

«مەھەللىمىزدە قوشنىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى، بىكار بولسىلا كۆپچىلىك ئۆيمۇئۆي يوقلىشىپ، پاراڭلىشىپ تۇرىدۇ، ياخشى قوشنىلار ماڭا ھەمراھ بولىدۇ، ماڭا ياردەم قىلىدۇ، مەن ئازراقمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلمايمەن» دېدى لى لىمىن ھاياجانلانغان ھالدا.

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن 100 ئائىلە زىياپىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، مەيدان يېنىدىكى «گۇيۈەن» شادلىققا چۆمدى. «گۇيۈەن» بولسا بۇ يىل 3 - ئايدا گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر ئىستىراھەت پائالىيەت مەيدانى بولۇپ، ئاھالىلەر بۇ يەردە شاھمات ئوينايدۇ، پاراڭلىشىدۇ، بالىلار ئىلەڭگۈچ ئۇچىدۇ، لىڭگىرتاقتاق ئوينايدۇ.

ئابلەت تۇرسۇن 100 ئائىلە زىياپىتىگە قاتنىشىپ بولۇپلا «گۇيۈەن»گە كېلىپ ياشانغان قوشنىلىرىنىڭ شاھمات ئوينىغىنىنى كۆرۈپ، بۇلتۇر باش شۇجىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ كۆزلىرى نەملەشتى، باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلغانىدى، بىر يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ چېھرىدە يەنە ئىختىيارسىز ھالدا كۈلكە جىلۋىلەندى.

ئابلەتنىڭ چوڭ نەۋرە قىزى بۇلتۇر ئىمتىھان بېرىپ شاڭخەيدىكى داشۆگە ئۆتتى، ئىككى كىچىك نەۋرىسى بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بالىلار ياخشى مائارىپنى قوبۇل قىلىۋاتاتتى، خوتۇنى ئىككىسى بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىدى.

«مەھەللىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، بۇلتۇر باش شۇجى كەلگەن چاغدا، بۇ دەرەخ سايىسى ئاستىدا كىچىك تاش ئۈستەل، كىچىك تاش ئورۇندۇقلا بار ئىدى. ھازىر كۆرۈپ تۇرۇپسىز، سايىدايدىغان ياغاچ لاپاس يېڭىدىن ياسالدى، ئۈستەل - ئورۇندۇقلار ئورنىتىلدى، ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ئوينايدىغان يېرى بار بولدى، نېمىدېگەن ياخشى!» دېدى ئابلەت.

«گۇيۈەن»نىڭ قۇرۇلۇشى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك تىزىملىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ بىرى. مەھەللىنىڭ بىر پونكىت شەكلىدىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالىدا، مۇخبىر كۆرگەزمە تېمىغا چاپلانغان تاماملىنىپ بولغان ئۈچ تۈرلۈك تىزىملىكنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىنى كۆردى.

بىر يىلدىن بۇيان، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى ئاھالىلەر ۋەكىللىرىنى يىغىپ قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا كېڭىشىپ، مەسلىھەتلىشىپ، ئۈچ تۈرلۈك تىزىملىكنى رەتلەپ، يېڭىلاپ، ئاھالىلەر غەم قىلىدىغان ئىشلار، باش قاتۇرىدىغان ئىشىلار، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلارنى بىرمۇبىر ياخشى ھەل قىلدى. ھازىر، 300 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان ئاھالىلەر پائالىيەت مەركىزى ئۆزگەرتىلىپ بولدى، ھۆسنخەت يېزىش ۋە رەسىم سىزىش ئۆيى سېلىنىپ بولدى، مەدەنىيەت ئىستىراھەت كارىدورى ياسىلىپ بولدى، 15 مىنۇتلۇق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت چەمبىرىكىمۇ شەكىللەندى.

گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىزچىل ئېسىدە چىڭ ساقلىدى. «باش شۇجى مەھەللە خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇ بىزگە مەھەللە ناھايىتى مۇھىم، يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە بار، نۇرغۇن خىزمەت مەھەللىگە تايىنىپ تاماملىنىدۇ، دەپ تاپىلىدى. بىز خىزمەتلەرنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەپ، چوقۇم ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ ئويلىغانلىرى، ئۈمىدى، تەقەززاسىنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن خىزمەتلىرىمىزنى ئىشلەيمىز.» ئۇ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، مەھەللە خىزمەتچىلىرى باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئاساسىي قاتلام مەھەللە ئىدارە قىلىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مەھەللە ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئىجادىي ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە يەنە بىر زور قەدەم ئىلگىرىلىدى.

دىققەتنى «ياشانغانلار»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەھەللە كادىرلىرى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ياشانغانلارغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ، ياشانغانلارنىڭ رەقەملىك دەۋرگە ماسلىشىشىغا ياردەم بەردى. خەلققە قولاي تەدبىرلەر كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، %90 كەسىپنى مەھەللىدە بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دىققەتنى «بالىلار»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ يازلىق تەتىلدە، مەھەللە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى جۇڭگو تىل مەدەنىيىتى شۆيۈەنى بىلەن بىرلىشىپ، 20دىن ئارتۇق پىدائىي داشۆ ئوقۇغۇچىسى مەھەللىدىكى «شادىمان بالىلار» ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئائىلىسىگە كېلىپ، شېئىر يادلاش، ھۆسنخەت يېزىش ۋە رەسىم سىزىش، رەسىملىك كىتابنى چۈشەندۈرۈپ ئوقۇش، شاھمات ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

ئالتە ياشلىق زۇبەيدە ئاجىمەمەت پۈتۈن زېھنى، چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن يېڭىدىن ئۆگەنگەن «فېڭچياۋ يېبو» ناملىق قەدىمىي شېئىرنى يادلاۋاتاتتى. بۇ يازلىق تەتىلدە، ئۇ ھەر كۈنى مەھەللىگە بېرىپ شېئىر دەرسى ئاڭلايتتى، شېئىر ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ شياۋتۇڭنىڭ يېنىغا بېرىۋېلىپ ھەرخىل سوئاللارنى سوراشقا ئامراق ئىدى.

ۋاڭ شياۋتۇڭ شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى جۇڭگو تىل مەدەنىيىتى شۆيۈەنىنىڭ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى، ئۇ بالىلارغا شېئىر يادلاش، قەغەز قىيما قىيىش، خەتتاتلىقنى ئۆگىتەتتى، بالىلارنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە كۆزلىرىدىن ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان زور قىزىقىشىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. «بالىلار ناھايىتى تېز ئۆگىنىۋالدى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئىشەنچكە تولغان قىياپىتى مېنى تەسىرلەندۈردى» دېدى ۋاڭ شياۋتۇڭ.

قاراڭغۇ چۈشتى، ھويلىدا بالىلار ھارماي - تالماي پۇتبول ئويناۋاتاتتى، چوڭلار سۇس چىراغ يورۇقىدا مۇڭداشماقتا ئىدى. ھويلىنىڭ سىرتىدا، كوچا بويىدىكى دۇكانلارنىڭ چىراغلىرى يوپيورۇق بولۇپ، كوچا بويىدا سالقىنداۋاتقان ئاھالىلەر بار ئىدى، ئانچە يىراق بولمىغان پىيادىلەر كوچىسىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئىللىق، ئاۋات قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇم، گەپ - سۆزلىرىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان ئىشەنچ گۇيۈەنشياڭدىكى بەختلىك تۇرمۇشنى خاتىرىلەپ تۇراتتى.