قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

شىن شىجيەن

تومۇز كۈنلىرى، تاغ - دەريالار گۈزەل تۈسكە كىردى، مۇنبەت دالىلارغا كۆز يەتمەيتتى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى خۇددى ئېگىز جەۋلان قىلىۋاتقان بايراقتەك، 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا يېتەكلىمەكتە.

2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزنى ئېغىر، مۇھىم تاپشۇرۇقى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ سادىق ئەمەلىيىتى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5 -، 6 -، 7 -، 8 - ئومۇمىي يىغىنى ئىلگىرى - كېيىن ئېچىلدى، بىر ئاساسىي لىنىيە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولۇش كېرەك. بولۇپمۇ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يولى ۋە چارىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى؛ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى؛ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە پائال تۈرتكە بولدى؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلەتتى؛ دىققەتنى سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدى... بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ بىر قاتار مەسىلىلەردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇلدى.

ھازىرقى شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ دەۋر پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا شىنجاڭنىڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ياخشى شامال كۈچىدىن كۆپرەك پايدىلىنىپ، يەلكەن چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى يېڭى كۈرەش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تېخىمۇ ئاڭلىق، قەتئىي ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، كەم - كوتسىز ھالدا باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. رېئال مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش، قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش ئاساسىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ رېئال يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك.

باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. دائىم غېمىدە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر مۇھىم، زور سىياسەت، مۇھىم تۈزۈم ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، پائال تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، نەزەر دائىرە ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

پايانسىز تۇپراق يېپيېڭى تۈسكە كىردى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرە ئاستا - ئاستا نامايان بولماقتا. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتايلى.