يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرايلى

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

شىن شىجيەن

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا ئالغا سىلجىتتى، قايتا ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى يەتكۈزدى.

2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپاندا، باش شۇجى يول بويى بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە خىزمەت نەتىجىسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇشنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مۇقىم، ئىناق بولغان، ئىقتىساد، جەمئىيەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىدى، شىنجاڭ تۇپرىقىدا «ھەممىلا يەردە جانلىق ئىجادىيەت، ھەممىلا يەردە كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئىلگىرىلەش نامايان بولدى».

بۇ قالتىس بىر يىلنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭ ۋۇجۇدقا چىقارغان ھەربىر ئىش، قولغا كەلتۈرگەن ھەربىر ئىلگىرىلەش نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلىگەنلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ سىياسىي قوللانمىسى، سىياسىي پىرىنسىپى، جەزمەن تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىش، قەتئىي بوشاشماي تۈرتكە بولۇش، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بارلىققا كېلىپ، يوشۇرۇن كۈچ قويۇپ بېرىلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي سادىقلىقنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىشىمىز؛ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇشىمىز؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشىمىز؛ ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئاياغ ئاستىمىزدىكىسى گۈللەپ ياشنىغان تۇپراق؛ ئالدى تەرەپ، تاغ - دەريالار يىراق بولغان سەپەر. بىز بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى.