ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

​لىن ۋۇ، ئەركىن تۇنىياز، جوۋ نەيشياڭ پائالىيەتكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، جىنەن، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن ۋۇ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى جوۋ نەيشياڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لىن ۋۇ، جوۋ نەيشياڭ ئەركىن تۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

لىن ۋۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالدىدا مېڭىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش»نى چىڭ كۆزلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئالدىن يۈرۈش رايونى قۇرۇشنى تېزلەتتى، ھازىر ئىقتىساد ئومۇميۈزلۈك جانلىنىپ، تېز ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ئېلاستىكلىقى ۋە ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى نامايان قىلىندى. شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىتتىپاق - مۇقىم بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، شەندۇڭ ئۆلكىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىككى جاينىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى، چوڭقۇرلاشتۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا زىچ ئۇدۇللىشىپ، دىققەتنى كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەندۇڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭ ھەمكارلىقىدا يەنە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

ئەركىن تۇنىياز شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەندۇڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شەندۇڭغا «ئالدىدا مېڭىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش»تەك مۇھىم بۇرچنى يۈكلىدى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز بۇنىڭغا چوڭقۇر قايىل بولدۇق، چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، «لۇيەن ئەقىل - پاراسەت كىرگۈزۈش» «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش . چىلۇ ئۈلگە كۆرسىتىش» «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش . شىنجاڭغا ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم بېرىش» «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش. چىلۇ ئالدىن يۈرۈش» «شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭ ئانارنىڭ دانىسى»دىن ئىبارەت بەش چوڭ داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ يېتەكچى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىي قىلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشىنى؛ مەدەنىيەت - ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىنى؛ «لۇيەن ئەقىل - پاراسەت كىرگۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شەندۇڭدىكى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى ھەم جىنەن شەھىرى رەھبەرلىرىدىن زېڭ زەنرۇڭ، جاڭ خەيبو، سۇڭ جۈنجى، يۈ خەيتيەن، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، قەيسەر ئابدۇكېرىم، كۇڭ شىڭلۇڭ، ليۇ شىنجيەن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.