​27 تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق ناھىيە بازىرىنى ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىدۇ

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىز «يولغا قويۇش لايىھەسى» بېسىپ تارقاتتى

​27 تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق ناھىيە بازىرىنى ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئادەمنىڭ شەھەر - بازارلىشىشىنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ناھىيە بازىرىنى شەھەر - بازارلاشتۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە بازىرى كەسىپلىرىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مۇھىت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم تىرەك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 2025 - يىلىغا بارغاندا، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، كەسىپ ئاساسى ياخشى، بايلىق مۇھىتىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك، نوپۇس، ئىقتىسادنىڭ توپلىنىش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان بىر تۈركۈم ناھىيە بازارلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش، شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مەۋقە ناھىيە بازىرىنىڭ ئاساسىي شارائىتى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە قويۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، سۈنئىي ھەمراھ فۇنكسىيەلىك ناھىيە بازىرى، كەسپىي فۇنكسىيەلىك ناھىيە بازىرى، يېزا ئىگىلىكى فۇنكسىيەلىك ناھىيە بازىرى، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك ناھىيە بازىرى، ئېچىۋېتىش فۇنكسىيەلىك ناھىيە بازىرى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ناھىيە بازارلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە قۇرۇلۇش يولى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ناھىيە بازىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئاساسىي تىرىكىنى پۇختىلاش، ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ناھىيە بازىرىدىكى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، تارىخ - مەدەنىيەت ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ناھىيە بازىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ناھىيە - يېزا - كەنت فۇنكسىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنى سىياسەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يەتتە جەھەتتە قاراتمىلىق ھالدا 27 تۈرلۈك ۋەزىپە - تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دىكى ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىدۇ.