دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرو خىمىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى شىنجاڭدا تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىشقا باشلىدى

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، يەكەن، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭدىكى يەككە سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن تۈر − يەكەن 800 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت + 200 مىڭ كىلوۋات\ 800 مىڭ كىلوۋات سائەتلىك ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈردە پۈتۈن سىغىمچانلىق بويىچە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى. بۇ تۈرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش كۆلىمى 200 مىڭ كىلوۋات\ 800 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرو خىمىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئايلاندى.

شىنخۇا سۇ كۈچى ئارقىلىق توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور لى يەنپو مۇنداق دېدى: بۇ تۈر شىنجاڭنىڭ «14 - بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، جەمئىي 5 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان، گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمى كۆلىمى 1 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ. بۇ تۈردە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليارد 613 مىليون كىلوۋات سائەت پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ، بۇ، ھەر يىلى 492 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، 1 مىليون 460 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولۇپ، قەشقەر، ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ تۈر تورلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر ئۈسكۈنىلەرنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تېخىمۇ زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولىدۇ.