تور كۈچلۈك دۆلىتى بولۇشقا قاراپ مەردانە قەدەم تاشلاش

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

​− پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ سىبېي، بەي يىڭ

بۈگۈنكى دۇنيادا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى كۈچلۈك مەۋج ئۇرۇپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى.

ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگودا، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشى ۋە دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقە تورى تەرەققىياتى ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، جۇڭگو تور چوڭ دۆلىتىدىن تور كۈچلۈك دۆلىتى بولۇشقا قاراپ مەردانە قەدەم تاشلىماقتا.

كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان تور ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش

تور بوشلۇقى يۈز مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ، ساغلام، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، ئاساسىي مېلودىيەنىڭ جۇشقۇن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ تور ئەھلى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

ئاكتىپ كۈچ ئومۇمىي تەلەپ، باشقۇرالايدىغان بولۇش قاتتىق داۋلى، ياخشى ئىشلىتىش ھەقىقىي قابىلىيەت بولۇشتا چىڭ تۇرۇلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ كۈچەپ، تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئاكتىپ، ساغلام، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈردى.

توردىكى ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكىر بازىسى زورايتىلدى −

«90 - يىللاردا تۇغۇلغان» يۇرتىغا قايتقان ياش يازغۇچى يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بەردى، جۇڭگوچە ئۇسلۇب ئىجادىيىتىدىكى مۇزىكانت قەدىمىي شېئىر تېكىستلىرىنى نوتىغا سېلىپ ناخشىغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى پائال ئەۋج ئالدۇردى... بۇ يىل 2 - ئايدا، 6 - نۆۋەتلىك «جۇڭگودىكى ياش ياخشى تور ئەھلى»نىڭ مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرى ئېلان قىلىندى. 50 ئېسىل ھېكايىدە باش قەھرىمانلارنىڭ ئاكتىپ، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشى نامايان قىلىنىپ، تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان، كەيپىيات دۇرۇس، كىشىلەر ئىناق بولۇشقا خەلقنىڭ تور ماكانىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى يۈكلەنگەن.

مۇھىم، زور باش تېمىنى چۆرىدەپ، «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قەلبكە پۈكۈش دەل يۈز يىللىق سالاپەت» قاتارلىق تور باش تېما تەشۋىقات پائالىيىتىنى يولغا قويۇش؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يېڭى تاراتقۇدا تارقىتىش قۇرۇلۇشى، جۇڭگو ئاكتىپ كۈچى تور نادىر ئەسەرلىرىنى توپلاش، كۆرسىتىش، قويۇش پائالىيىتى، «توردىكى جۇڭگو بايرىمى» باش تېما پائالىيىتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى تور بوشلۇقىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ساداغا ئايلاندۇرۇش؛ «يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش، يېڭى مۇساپىدە تۆھپە قوشۇش» تور داڭلىق شەخسلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى پىلانلاپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان تور داڭلىق شەخسلىرى توردىكى ياخشى سادالارنى ياڭرىتىشقا كۈچ قوشۇش.

ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇن بىلەن تەمىنلەش كۈچەيتىلىپ، «ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى چوققىسىغا باغلىق بولىدۇ» «ئانىنىڭ قولىنى تۇتۇش» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالاھىدە دەرىجىلىك يېڭى تاراتقۇ ئەسەرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى «ئاددىي پۇقرالار ئائىلىلىرىگە كىرگۈزۈلدى»؛ جۇڭگو سۆز سىستېمىسى ۋە جۇڭگو بايان سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، «جۇڭگودا ئۇچرىشىش» «جۇڭگودا داكا قىلىش» قاتارلىق تور خەلقئارا تارقىتىش پائالىيەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، جۇڭگو ساداسى تېخىمۇ يىراققا تارقىتىلدى، تېخىمۇ كەڭ تارقىتىلدى.

تور بوشلۇقىنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى −

ئالاقە تورى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، جەزمەن قانۇنچىللىق يولىدا ساغلام يۈرۈشۈشى كېرەك.

«تورنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» يولغا قويۇلۇپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش خىزمىتى بىرىكمە كۈچى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەندى؛

«تور ئۇچۇر مەزمۇنى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش بەلگىلىمىسى» «ئالاقە تورى ئابۇنىچى نومۇرى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» «ئالاقە تورى قاڭقىما كۆزنەك ئۇچۇرى يوللاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» «ئالاقە تورىدا ئۇچۇرغا ئەگىشىش - سۆز قالدۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تور باشقۇرۇش، تورنى ئىدارە قىلىش، توردىن پايدىلىنىش ئاساس بىلەن تەمىنلەندى؛

«تورنى ساپلاشتۇرۇش» «مايسىلارنى ئاسراش» «تورنى تازىلاش» قاتارلىق بىر قاتار مەخسۇس تۈر ھەرىكەتلىرى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، توردىكى تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلار مەركەزلىك تۈزىلىپ، كەڭ تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى...

ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىشىدا، تورنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، ئالاقە تورىنى «باشقۇرۇش»تىن «تۈزەش»كىچە بولغان تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى.

تور مەدەنىيلىكى يېڭى كەيپىياتى ئورتاق بەرپا قىلىندى ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىلدى −

«ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى ئورىۋالغان تۇمانلار» «مۈشۈكئېيىقنىڭ پىتنە - ئىغۋاچىلارنى تۇتۇش خاتىرىسى» «يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار پىتنە - ئىغۋالارنى پەيدا قىلغان ئاشۇ ئىشلار»... بۇ يىل 5 - ئايدا، 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالاقە تورىدىكى پىتنە - ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىشتىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. تاللانغان 60 ئەسەردە پۇقرالار ياقتۇرىدىغان شەكىل ئارقىلىق پىتنە - ئىغۋانىڭ زىيىنى ئېچىپ بېرىلىپ، كەڭ تور ئەھلىنىڭ پىتنە - ئىغۋانى تونۇش، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىلدى.

تور مەدەنىيلىكى يېڭى ۋەزىيەتتىكى جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىشىغا موھتاج.

جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنىنى پائال ئۆتكۈزۈپ، تور مەدەنىيلىكىدە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان جەمئىيەت ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەشتىن، جۇڭگو تور سەمىمىيەت يىغىنىنى ئۇدا ئۆتكۈزۈپ، لەۋزىدە تۇرۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئورتاق ئىلگىرىلەشتەك ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى پائال يارىتىشقىچە، يەنە «<توردىكى پىتنە - ئىغۋالارنى توسۇپ، تور مەدەنىيلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىش> تەشەببۇسنامىسى»نى ئېلان قىلىشقىچە، پۈتكۈل جەمئىيەتتە توردىكى پىتنە - ئىغۋالارنى ئورتاق باشقۇرۇش، ئورتاق تۈزەش، تور مەدەنىيلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش تەشەببۇس قىلىندى ...

ھازىر، پۈتكۈل جەمئىيەتتە توردىكى گۈزەل مەنىۋى ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەنمەكتە.

يۈز مىليونلىغان خەلق ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش

يان تېلېفون بانكىسى، كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىش، توردا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش، بۇلۇتتا مۇزېينى سەيلە قىلىش... بۈگۈنكى كۈندە، كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا ئائىلىدە ئولتۇرۇش، سەپەرگە چىقىش، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا ھۆكۈمەت ئىشلىرى خىزمىتىگىچە، ئۇچۇرلىشىش ۋە رەقەملىك تېخنىكا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ كەتتى.

«تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» دېگەنىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. دۆلەتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىللىق كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ جەمئىيەت ئالاقىسى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىپ كىرىش يېڭى يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق كەڭ - كۇشادە ھۇزۇرلىنىدىغان رەقەملىك تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «دۆلەتنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى» «<14 - بەش يىل>لىق دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى» «رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما يىرىك پىلانى» قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلدى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ياخشى سىياسەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەندى. ئالاقىدار تارماقلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى − كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى «3Gدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش» «4Gدا تەڭ قەدەمدە مېڭىش»تىن «5Gدا يېتەكلەش»كىچە، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ تور ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلدى؛ كۆچمە نەرسە تورى تېرمىنالى ئابۇنىچىسى 2 مىليارد 50 مىليوندىن ئېشىپ، يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە تۇنجى «نەرسە تورى ئابۇنىچىلىرى كۆچمە تېلېفون ئابۇنىچىلىرىدىن ئېشىپ كېتىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەتكە ئايلاندى؛ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى يۇقىرى سۈرەتلىك، كەڭ دائىرىلىك، ئاسمان بىلەن زېمىن بىر گەۋدىلەشكەن، بۇلۇت بىلەن تور يۇغۇرۇلغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، قولايلىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تېز تەرەققىي قىلماقتا.

ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى − 2022 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 50 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇندا مۇقىم تۇرۇپ،GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %41.5 بولدى، رەقەملىك ئىقتىساد غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە چەكسىز يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى كۈنسايىن نامايان قىلدى، رەقەملىك ئىستېمال، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، 5Gنى قوللىنىش قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىلار ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، بىر تۈركۈم رەقەملىك كەسىپ باشلامچىلىرى ۋە كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلار كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

يۈز مىليونلىغان خەلق ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى − «ئالاقە تورى +» مائارىپ، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چوڭقۇر سىڭىپ كىردى؛ «ئالىقاندا بېجىرىش» «بارماق بىلەن چېكىپلا بېجىرىش» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى ئۆلچەملىك سەپلىمىگە ئايلاندى، «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»تە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تور ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ئۇدا ئالغا سىلجىتىلىپ، شەھەر - يېزا ئارىسىدىكى رەقەم ھاڭى تېز تولدۇرۇلدى؛ ھەمبەھرە ئىقتىساد، ئاقىل سەپەرگە چىقىش، كۆچمە چىقىم قىلىش قاتارلىق ئالاقە تورى يېڭى مەھسۇلاتلىرى، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى بەس - بەستە بارلىققا كەلدى، پايدىلانغىلى بولىدىغان، پايدىلىنالايدىغان، ياخشى پايدىلانغىلى بولىدىغان ئۇچۇر مۇلازىمىتى تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزمەكتە، تور ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئاكتىپ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى، يۈز مىليونلىغان خەلق ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

تور بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش

2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تور بىخەتەرلىكى قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقى. دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى بۇ ئۇل خاراكتېرلىك قانۇندا، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش، تور ئالدامچىلىقىنى تۈزەش، توردا ھەقىقىي نام تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئابىدىگە ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تور بىخەتەرلىكى بولمىسا دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى بولمايدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىمۇ بولمايدۇ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى، «دۆلەت تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى» «ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق تور بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن - نىزام ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىشتىن؛ «دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى» «تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش چارىسى» «بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتى بىخەتەرلىكىنى باھالاش چارىسى» «سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېگرادىن چىقىش بىخەتەرلىكىنى باھالاش چارىسى» «شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ چېگرادىن چىقىش ئۆلچەملىك توختام چارىسى» قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش، تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتى بىخەتەرلىكىنى باھالاش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم تۈزۈملەر ئورنىتىلىشقىچە؛ يەنە 367 تۈرلۈك تور بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، دۆلىتىمىز يېتەكچىلىك قىلغان ۋە قاتناشقان كۆپ تۈرلۈك خەلقئارا ئۆلچەمنى ئېلان قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقىچە... دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكىدىكى «ئاساسىي قۇرۇلما» ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى.

ئالاقە تورى يۈز مىليونلىغان ئاممىنى بىر - بىرىگە باغلاپ، پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايىنى تۇتاشتۇردى.

دىققەتنى ھوقۇق بېرىشكە مەجبۇرلاش، ھوقۇق بېرىشنى زىيادە تەلەپ قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 2019 - يىلىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىرلىشىپ APP لارنىڭ قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش ۋە ئىشلىتىشىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قارىتا كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈردى.

تور بىخەتەرلىكى خەلق ئۈچۈن، تور بىخەتەرلىكى خەلققە تايىنىدۇ. تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

2014 - يىلىدىن بۇيان، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك شەكىللەر ئارقىلىق تور بىخەتەرلىكى ئىدىيەسى تەشۋىق قىلىنىپ، تور بىخەتەرلىكى بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، تور بىخەتەرلىكى ماھارىتى كېڭەيتىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تور بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە مۇداپىئە ماھارىتىنىڭ ئۆسۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇندى.

تور بوشلۇقىدىكى رىقابەت تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تور بىخەتەرلىكى بويىچە پەنلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تور بىخەتەرلىكى تەربىيەسى، تېخنىكىسى، كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

2016 - يىلى 6 - ئايدا، «تور بىخەتەرلىكى بويىچە پەنلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» بېسىپ تارقىتىلىپ، تور بىخەتەرلىكى پەن كەسىپلىرى ۋە شۆيۈەن، فاكۇلتېت قۇرۇلۇشىنى تېز قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تور بىخەتەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلدى. نۆۋەتتە، 60تىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتە تور بىخەتەرلىكى شۆيۈەنى، 200دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتە تور بىخەتەرلىكى بويىچە تولۇق كۇرس كەسىپلىرى تەسىس قىلىندى.

مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى تەربىيەسى، تېخنىكىسى، كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مېخانىزمى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى دۆلەت تور بىخەتەرلىكى كەسىپلەر باغچە رايونىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى كەسپىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى يادرولۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، تور بىخەتەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشقا نۇقتىلىق تۈرتكە بولدى...

تورنىڭ چېكى يوق، بىخەتەرلىكنىڭ چېكى بار. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، تور بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپى كۈچلۈك بەرپا قىلىنماقتا.

يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش

يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى دۇنيانى «يەرشارى كەنتى»گە ئايلاندۇردى، ھەرقايسى دۆلەتلەر تور بوشلۇقىدا مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولدى.

رەقەملەشتۈرۈش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، قول تۇتۇشۇپ رەقەم بايلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، رەقەملىك ئىدارە قىلىش دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، رەقەملىك مەدەنىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، رەقەملىك خەۋپسىزلىك كاپالىتى كۈچلۈك بولغان، رەقەملىك ھەمكارلىقتا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان يەرشارىۋى رەقەملىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ»، بۇ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ جاسارەت بىلەن زىممىگە ئېلىشىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتناشتى، تور بوشلۇقىدىكى خەلقئارا سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئۆسۈپ، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو لايىھەسى تېخىمۇ كۆپ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ۋە قوللاشقا ئېرىشتى.

«تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلىش، «يەرشارىۋى سانلىق مەلۇمات خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇش، «20 دۆلەت گۇرۇھى رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقى تەشەببۇسى»نى ئىمزالاش، «جۇڭگو - ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسى»نى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىقلار يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى؛ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى رەقەملىك ھەمكارلىق مۇنبىرى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامراتلارنى ئازايتىش رەقەملىك مۇھاكىمە يىغىنى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى مۇنبىرى، جۇڭگو - رۇسىيە تور تاراتقۇلىرى مۇنبىرى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، تىنچ، بىخەتەر، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان، تەرتىپلىك تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇندى.

بۇ يىل 5 - ئايدا، 2023 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورىدىكى باشلامچى ئورۇندا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى توپلاش باشلاندى. دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشلامچى ئورۇندا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى پەن - تېخنىكا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيا ئالاقە تورى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلدى.

2014 - يىلىدىن باشلاپ، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ئۇدا توققۇز يىل گۈزەل سۇ يۇرتى ۋۇجېندا ئۆتكۈزۈلۈپ، «قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» ئۇقۇم ھۆججىتى، «قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت تەشەببۇسى» قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەر ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرىدىغان خەلقئارا سۇپا ۋە خەلقئارا ئالاقە تورىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئۇنى ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو سۇپىسى بەرپا قىلىندى؛ يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدارە قىلىشقا ئائىت «تۆت پىرىنسىپ» «بەش تەشەببۇس» «تۆت ئورتاق» قاتارلىق جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى خەلقئارا تەشكىلاتى بېيجىڭدا قۇرۇلدى، يەرشارىۋى ئالاقە تورى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى قۇرۇلۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، خەۋپسىزلىك خىرىسلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات، بەخت - سائادەت ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىندى.

دەۋر دولقۇنىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەش كېرەك.

ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمىزدە، 1994 - يىلى خەلقئارا ئالاقە تورىغا تولۇق فۇنكسىيەلىك تۇتاشتۇرۇلغاندىن بۇيان، قىسقىغىنا 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، دۆلىتىمىز يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ، ھاياتىي كۈچكە تولغان رەقەملىك جەمئىيەت شەكىللەندۈردى، تور ئەھلى كۆلىمى 1 مىلياردتىن ئاشتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سودا سوممىسى، كۆچمە چىقىم قىلىش سودا كۆلىمى يەرشارى بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى... بىر قاتار «قالتىس»لار تور چوڭ دۆلىتىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مەردانە قەدەم ساداسىغا گۇۋاھ بولدى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ تور كۈچلۈك دۆلىتى بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇشقۇن كۈچنى ئۇرغۇتتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)