ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدى

日期:2023年07月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ مۇزېيى:

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 بولغان چاغ، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ ئېچىلىشىغا يەنە يېرىم سائەت ۋاقىت بار ئىدى، تەتقىقات ـ ئۆگىنىش ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى جاۋ شۈەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن كەلگەن 18 ئوقۇغۇچىنى باشلاپ كىرىش ئېغىزىدا جىمجىت ساقلاپ تۇراتتى، 7 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئايىشە قۇرباننىڭ قولىدا «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر خاتىرە دەپتەر بار ئىدى، بۇ قېتىم مۇزېيغا كېلىپ، ئۇنىڭ كۆرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلغىنى دەل مۇشۇ دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدى.

ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش قوراللار، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق مەھكىمىسى مۆھۈرى، نىيە خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان كىمخاب، قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرى، قول يازما «تاڭ سۇلالىسى قانۇنلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان . ئومۇمىي قانۇن پىرىنسىپى»نىڭ پارچىلىرى، شاھمات ئويناۋاتقان گۈزەل قىزلارنىڭ رەڭلىك رەسىملىرى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھاۋارەڭ فارفور قاچا، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لىڭچۈەن ئابىدىسى... چۈشەندۈرگۈچى پېرىبېك جىلاننىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى بېرىلىپ ئاڭلىغان ئېكسكۇرسىيەچىلەر مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولدى.

2022 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، شىنجاڭ مۇزېيىغا كېلىپ، «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. بىز شىنجاڭ تارىخىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن تارىخ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلىشىمىز كېرەك.

«بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتى نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىش تارىخى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخى، يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شارائىتىدىكى مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش تارىخىنى نامايان قىلدۇق، شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى پائال پىلانلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى ۋە گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى كىرگۈزدۇق» دېدى شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭ.

نىيە خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا، ئايىشە قۇربان ئاخىر ««شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىنى كۆردى، ئۇ بۇ دۆلەت گۆھىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە خاتىرە دەپتىرىگە: ئۇنى خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتى جىنجۆ بەگلىكى ئاتامانىغا ئىنئام قىلغان بولسا كېرەك، بۇ ئەينى چاغدا غەربىي يۇرتنىڭ مەركەزنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، دەپ يازدى.

خېبېيلىق ساياھەتچى لى رەنرەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە لايىھەسى ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىخىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشتە ئىنتايىن پايدىلىق، دەپ قارىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، چيەنلۇڭ خان ئوباشقا بەرگەن بۇ بىر گۇرۇپپا كۈمۈش مۆھۈر ماڭا بىردىنلا تۇرغۇت قەبىلىسىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىكى ئاشۇ جاپالىق مۇساپىسىنى ئەسلەتتى، بۇ بىر گۇرۇپپا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەزەلدىن قان قېرىنداش ئىكەنلىكى، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».

مۇزېينىڭ رەقەملەشكەن مەپتۇن قىلىش شەكلىدىكى ھېس قىلىش ۋە قىزىقارلىق ئويۇن قۇرۇلمىسى يەنە ئېكسكۇرسىيەچىلەر بىلەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇردى. «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» كۆرگەزمە زالىدا، نۇرغۇن ياش ـ ئۆسمۈر ئېكسكۇرسىيەچىلەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يۈرۈشلۈك رەسىم قۇراشتۇرۇش ئويۇنى، قولدا توقۇپ ھېس قىلىش مودېلى ئالدىدا «ئويناپ» كەتتى، قىزىقارلىق ئويۇن جەريانىدا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىپلا قالماي، يەنە تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ كونكرېت ھېس قىلدى.

«تاماشىبىنلارنى مۇزېيدا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا يۈزلەنگەندە، ھېس قىلىش، قاتنىشىش، بەھرىلىنىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، رېئال تۇرمۇش بىلەن ھەقىقىي تۈردە بىرلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ بۇ <چوڭ مەكتەپ>نى ياخشى باشقۇرۇشىمىزدىكى ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى» دېدى يۈ جىيۇڭ.

بۇ يىل 6 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ «دۆلەت مۇزېيى زالى» سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىنىڭ قوللىشى بىلەن تۇنجى كۆرگەزمىدە «قەدىمكى ئەسۋاب ـ جابدۇق قۇيمىچىلىق تارىخى − برونزا بۇيۇملىرىدىكى قەدىمكى جۇڭگو» كۆرگەزمە قىلىنىپ، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ برونزا قوراللارنى كۆرگەزمە قىلىش جەھەتتىكى موللىقى ئۆستۈرۈلدى.

«دۆلەت مۇزېيى زالى»دىن كېيىن، شىنجاڭ مۇزېيى يەنە گۇگۇڭ مۇزېيى بىلەن قول تۇتۇشۇپ «گۇگۇڭ سارىيى زالى» بەرپا قىلىپ، 7 ـ ئايدا سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پىلانلىدى. تۇنجى كۆرگەزمە «گۈللەنگەن دەۋر: گۇگۇڭ مۇزېيىدا ساقلانغان چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىكى قاشتاش بۇيۇملار كۆرگەزمىسى» مۇراسىم بۇيۇمى، سەرەمجان، زىننەت بۇيۇمى، قاچا ـ قۇچا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قاشتاش بۇيۇملىرىنىڭ جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى جەمئىيەت تۇرمۇشىدىكى كۆپ خىل ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدۇ.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى قاشتېشى ماتېرىياللىرى چىقىدىغان ئەڭ مۇھىم جايلارنىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ كۆك قاشتېشى، ئاق قاشتېشى، زۇمرەت قاشتېشى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوردا قاشتېشى بۇيۇملىرىنى ياسايدىغان ئاپپاراتلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، شىنجاڭدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارىدىغان «قاشتېشى ئىشلەپچىقىرىش، قاشتېشى توشۇش، قاشتېشى ياساش» يولىنىڭ راۋانلاشتۇرۇلۇشىمۇ چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئۆتكەن 100 يىلدا، شىنجاڭنىڭ تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلىرىدىن زور مىقداردا تارىشا پۈتۈك، قەغەز پۈتۈك، يىپەك كىتاب قول يازمىسى ھەم تاشقا ئويۇلغان قەبرە تەزكىرىسى قاتارلىق ھۆججەت ـ ماتېرىياللار قېزىۋېلىندى، 7 ـ ئايدا ئۇلار شىنجاڭ مۇزېيى پىلانلىغان «جۇڭخۇا تارىخ قوللانمىسى − شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان ھۆججەت ـ ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى»دە نامايان بولىدۇ. «بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلىدىغان ھۆججەت ـ ئەسەرلەر خەن سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى كۆپ خىل يېزىقتا يېزىلغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىزچىللىقى، ئىجادىيلىقى، بىرلىكى، سىغدۇرۇشچانلىقى، تىنچلىق خاراكتېرىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى» دېدى يۈ جىيۇڭ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ مۇزېيى كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيەچى 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، 5 ـ ئاي كىرگەندىن كېيىن، مەيدان ـ سارايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا تەخمىنەن 13 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، تەتقىقات دەرسخانىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىرى، سەھنىدە ئويۇن قويۇش... شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يەر كىشىلەر شىنجاڭغا كەلگەندە بەس ـ بەستە داكا قىلىدىغان جايغا ئايلاندى، شۇنداقلا «مۇزېيغا كىرىش» زامانىۋى جەمئىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلاندى.

بۇ يىل 4 ـ ئايدا، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق قوغداش مەركىزى ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى، قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئاممىنى تەقەززا قىلدى. شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيانىڭ قارىشىچە، بۇ يەرنىڭ ئۈستىگە ئالغىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماي، يەنە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇھىم ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىشتىكى رېئال قىممىتىنى تونۇشقا يېتەكلەش ئىكەن.