تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر ئۇللۇق مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتتى

日期:2023年07月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ داشۆ:

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر ئۇللۇق مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ فاڭ

7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «ئالتە ساراي، بىر مەركەز» بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار بۇ يەردە تەتقىقات ـ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەپتۇن بولۇش شەكلىدىكى، ھېس قىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئارقىلىق، تارىخىي ئىزنالارنى ئىزدەپ، مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

بۇ بىر تۈركۈم مېھمانلار شىنجاڭ داشۆدىن كەلگەن. «بىز دائىم مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىمىز. بۇ يەردە، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەيدۇ.» شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشخانىسى (شىنجاڭ داشۆ)نىڭ مەسئۇلى ياڭ لى مۇنداق دېدى: «يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، بىز يەنە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، ئىدىيەۋى تەربىيە، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرىمىز».

بىر يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە، تۇنجى بېكەت شىنجاڭ داشۆ بولدى ھەم بۇ مەكتەپنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىدا كۆپچىلىككە جانلىق ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس ئۆتتى.

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىز ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.» «مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر ئۇللۇق مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك»...

باش شۇجىنىڭ سۆزى ھەرىكەت يۆنىلىشى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ياڭ لى شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى تېما گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق باش تېمىلار توغرىسىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى كوچا باشقارمىسى، مەھەللە ۋە يېزا ـ بازار، كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت، ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتى داۋامىدىكى يېڭى تونۇشى، يېڭى ئۇسۇلىنى ئىگىلىدى.

«تېما تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىر يىل داۋاملاشتى، بىز ئاساسىي قاتلامدىكى 58 نەپەر كادىر، ئاممىنى زىيارەت قىلدۇق، نۆۋەتتە 300 مىڭ خەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.» ياڭ لى مۇنداق دېدى: بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن باش شۇجىغا قانائەتلىنەرلىك «تاپشۇرۇق» تاپشۇرىمىز.

بۇ يىل، شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر 15 تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى بېكىتتى، مەزمۇنى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشى، قىزىل مەدەنىيەت ھەم شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىدىغان جايلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە چېتىلىدۇ.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر ئۇللۇق مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش خىزمىتىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ياۋ چياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى 2020 ـ يىلى 3 ـ ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» تەتقىقات يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ قۇرۇلۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش ـ مەسلىھەت بېرىش، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەمئىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«بىز باش شۇجى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئورۇندايمىز.» بازىنىڭ مۇتەخەسسىسى مېڭ نەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، مەن باشقا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى <شىنجاڭنىڭ قىسقىچە يەرلىك تارىخى دەرسلىكى> دەرسلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات ئەمەلىيىتى تەتقىقاتىغا سىڭدۈرۈش» ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇشى نەتىجىسى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇلتۇر باش شۇجىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى يۈزتۇرا دوكلات قىلغان ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈزەلنۇر يۈسۈپ مەكتەپ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ «ئانار دانىلىرى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەمئىيەت ئەمەلىيىتى ئۆمىكىگە قاتناشتى. ئونسۇ ناھىيەسىدە جەمئىيەت ئەمەلىيىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا، ئۇ ئونسۇ بازىرى جىنخۇا يېڭى كەنتى مەدەنىيەت چوڭ سەھنىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆرگەزمە تاختىسىغا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىگە دائىر تۈرلۈك سۈرەتلەرنىڭ چاپلانغانلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىنى كۆردى؛ قىزىل بازىرى ئوقتېرەك كەنتىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئارقىلىق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋاڭخۇڭ كەنتكە ئايلىنىپ، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش ئۈچۈن تىپ تۇرغۇزغانلىقىنى كۆردى...

«قىزغىن تۇرمۇش ماڭا بىزنىڭ مىللەت نەزەرىيەمىز ۋە سىياسىتىمىزنىڭ ياخشى، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.» گۈزەلنۇر مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولىمەن.

يازلىق تەتىل مەزگىلى بولغاچقا، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ھەر كۈنى شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. «بۇ يىل شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيى بۇلتۇرقىغا ئاز ـ تولا ئوخشىمايدۇ.» شىنجاڭ داشۆ ئارخىپخانىسىنىڭ ئارخىپخانا باشلىقى يۈ فۇئېن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەكتەپ تارىخى سارىيىنىڭ كۆرگەزمە مەزمۇنىنى تولۇقلاپ ۋە بېيىتىپ، قىزىل گېننى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. بۇ يىل 2 ـ ئايدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن ھازىرغىچە، مەكتەپ تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. «يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار ئەڭ كۆپ بولغاندا، بىر كۈندە نەچچە يۈز كىشىگە يەتتى» دېدى يۈ فۇئېن.

ياۋ چياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ داشۆ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇردى، كەڭ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. مەكتەپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر ئۇللۇق مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، نەتىجىلەرنى قوللىنىشنى كۈچەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.