شىنجاڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى

日期:2023年07月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتى، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق پايدىلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا جابدۇقلىرى ۋە ئاپتوموبىل بازىرىدا كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئېشىپ، ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، بۇلتۇردىن بۇيانقى تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولدى.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا. دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يادرولۇق ساھەسىدىكى «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بۇ شىركەت يېڭىلىق يارىتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پەن ـ تېخنىكىدىن يوشۇرۇن كۈچ ئېلىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شامال گېنېراتور بۆلمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورنىتىلىدىغان تام تىرەك شەكىللىك تەبىئىي ئېستېر تىرانسفورموتورى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تاماملاپ، دۆلەتنىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نۇقتىلىق تۈرى بولغان بەيخېتەن − جېجياڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك قۇرۇلۇشىنىڭ توك ئايلاندۇرۇش تىرانسفورموتورى كىلاپانىنىڭ يان كىيدۈرمە تۇرۇبىسىنى زاۋۇتتىن چىقىرىپ سىناق قىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قانات يايدۇردى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورى تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ دۇنيا بويىچە تۇنجى يۈرۈش يېنىكلەشتۈرۈلگەن ئوتتۇرا بېسىملىق ئېلاستىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش جابدۇقى نۇسخا ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىقلارنى ئورتاق تاماملىدى.

يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئاقىل كۈچ قوشۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ رەقەملەشكەن بىر تۈركۈم زاۋۇت تۈرلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن ئىش باشلىدى ھەم بىر قىسمى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى رەقەملەشتۈرۈش، مەھسۇلاتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

«سېخ زاكاز بىلەن لىق تولدى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ھامان تولۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» ئەمدىلا قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كابېل كەسىپلەر باغچىسىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ توك سىمى تارتىش سېخىدا، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى شۈ ئېرلۇڭ مۇنداق دېدى: زاكازلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇش، كابېل ئىشلەپچىقىرىشنى بۆلەكلەشتۈرۈش ۋە ماتېرىيال ئېلىش ـ ئىشلىتىشنى ئادەمسىزلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقتىن، سېخنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

نۆۋەتتە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور ئەقلىي ئىقتىدارلىق كابېل كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 2 ـ قارارلىق ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ـ تەڭشەش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تولۇق پۈتكەندىن كېيىن غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ رەقەملەشكەن توك سىمى كابېلىنى توپلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ئېچىپ ياساش، يېڭىلىق يارىتىش بازىسىغا ئايلىنىدۇ.

«<سەككىز چوڭ كەسىپ توپى> قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇردى، ئاساسنى كۈچەيتتى، ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى جابدۇق سانائىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ماۋ يىخۇ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش كەسپى سىجىل تېز ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك جابدۇق ياساش ئىقتىدارى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جىنفېڭ پەن ـ تېخنىكىسى مورى شامال ئېلېكتىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش كەسپى بازىسىدا تۇنجى يۈرۈش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشلەپچىقىرىلدى. «يۇقىرى قۇۋۋەتلىك شامال ئېلېكتىرى ئاساسلىق ئوقىنىڭ ئوققازىنى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق زاپچاسلار تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى» دېدى شىنجاڭ جىنفېڭ پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، قوشۇمچە شىنجاڭ چوڭ رايونىنىڭ لىدىرى گاۋ جىنشەن.

شىنجاڭدىكى شامال ئېلېكتىرى باشلامچى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جىنفېڭ پەن ـ تېخنىكىسى نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا بەش زاۋۇتنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 13 مىليون 500 مىڭ كىلوۋات كېلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە شامال ئېلېكتىرى پۈتۈن گېنېراتورلار كارخانىسى ئونغا يەتكەن بولۇپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۇدا ئىككى يىل بىر قاتلانغان، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىدا 30 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىكەن، يىل ئىچىدە، يەككە گېنېراتورنى چوڭ تىپلاشتۇرۇش بويىچە ئون مېگاۋاتتىن ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار ئىكەن، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىرى بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئېچىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.

«ياسىمىچىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى لى يىڭفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جەزمەن مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئالاھىدىلىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، بايلىق سەرپىياتى تۆۋەن، مۇھىتنى بۇلغىشى ئاز، ئادەم كۈچى بايلىقى ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان سانائەت تەرەققىيات يولىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

2022 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 400گە يېقىن كۆلەمدىن يۇقىرى جابدۇق سانائىتى كارخانىسى بار بولۇپ، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، سانجى، قومۇل، كورلا، قاراماي قاتارلىق جايلارغا تارقاقلاشقان.

ماۋ يىخۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يولغا قويۇش پىكرى ۋە «14 ـ بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى ۋە توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرىنى ئاساس قىلغان، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى جابدۇقلىرى ۋە زاپاس ئېنېرگىيە جابدۇقلىرىنى قوشۇمچە قىلغان ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ يارىتىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.