كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتقا گۇۋاھ بولۇش

日期:2023年07月15日
来源:天山网
【字体:

تۈركىيە تاراتقۇلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كەلدى

كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتقا گۇۋاھ بولۇش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

ئادەم بىلەن لىق تولغان بازارلار، ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان مەنزىرە رايونلىرى، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن كوچىلار، بەخت جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇملۇق چېھىرلەر... بۇ، تۈركىيەنىڭ پېشقەدەم مۇخبىرلىرى، يازغۇچىلىرىنىڭ فوتو ئاپپاراتىدا خاتىرىلەنگەن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، تۈركىيە تاراتقۇلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولدى. ئۇلار بازار، مۇزېي، كارخانا، مەنزىرە رايونى، مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

«قاينام ـ تاشقىنلىق» «ئىناقلىق» «تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ» − تاراتقۇلار ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتى. 7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى كەچ سائەت 11دە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن پەيتنى كۈتۈۋالدى، تىقما ـ تىقما شەھەر ئاھالىلىرى ۋە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر گېكېخۇڭ گېچىمەننىڭ فوتو ئاپپاراتىدىكى ئەڭ ياخشى خام ماتېرىيالغا ئايلاندى. گېكېخۇڭ مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى. ھەربىر جايغا بارغاندا، ئۇ سىن ۋە سۈرەتكە تارتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى. تۇرپان شەھىرى ئوۋبەي ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، گېكېخۇڭ يەنە زور قىزىقىش ئىچىدە كارخانا مەسئۇلى ئەبەيدۇللا ئۆمەر بىلەن بىرلىكتە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ ساتتى.

«شىنجاڭ دىققەت قىلىشقا ئالاھىدە ئەرزىيدىغان جاي.» گېكېخۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، بۇ جايدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن، مەن ئۆزۈم تارتقان سىن ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولغان ھەقىقىي ئەھۋال ئارقىلىق دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى سۆزلەپ بېرىمەن.

ھاسان بوئېن تۈركىيەنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ پېشقەدەم مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى، ئۇ ئىزچىل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئېكىسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭ سەپىرىنى «مۇكەممەل» دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىدى. «مەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، ھەر خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىچقويۇن ـ تاشقويۇن بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم.» ھاسان مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىس، ئالىمنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ تۇپراقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت مەزگىلىدە، تاراتقۇلار ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىر مەيدان سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم، ياخشى، ئىقتىسادتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، دىن ساھەسى ئېجىل، رايىش بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىمۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت جەريانىدا كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمىز تونۇشتۇرۇلغان ئەھۋاللارنى ھەقىقىي ئىسپاتلىدى. ئىككى تەرەپ يەنە قىزىقىدىغان تېمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 1 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى شەھەر ـ يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 470 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تاراتقۇ ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئىجابىي باھا بەردى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپتۇ.

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ مىللىيچە چالغۇلار كەنتىدە، تاراتقۇلار ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى چالغۇ ياساش ئىشخانىسىغا كىرىشىگە، راۋاب، غېجەك قاتارلىق مىللىيچە چالغۇلارنىڭ ئاۋازى ئۇلارنى جەلپ قىلىۋالدى. شۇ جايدىكى ھۈنەرۋەن سەنئەتكارلار بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار بىردەك جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى ماختىدى.

«جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپتۇ، ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك ئىكەن.» تاراتقۇلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى خالىر كامىر ئەردودۇ مۇنداق بىلدۈردى: غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرى مېنىڭ شىنجاڭغا بولغان كۆز قارىشىمغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

خالىر تۈركىيەنىڭ پېشقەدەم تاراتقۇ خادىمى بولۇپ، كۆپ يىللار ئىلگىرى شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن. ئۇ ھاياجان بىلەن، شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ، دېدى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەندە، كوچىلاردا بۇنداق كۆپ ئاپتوموبىل يوق ئىدى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارمۇ چەكلىك ئىدى، پويىزنىڭ سۈرئىتىمۇ نىسبەتەن ئاستا ئىدى، ئەمما ھازىر ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، قاتناش ھەممە تەرەپكە تۇتىشىپتۇ، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا ئوق پويىزدا بېرىش ئۈچۈن پەقەت 50 نەچچە مىنۇتلا كېتىدىكەن.

تۈركىيە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى مەھەممەت ئەلى جۈلەر مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ جۇڭگودىكى تېز تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپتۇ. بۇ يىللاردا، شىنجاڭ نۇرغۇن خەلقئارالىق كۆرگەزمە ـ يىغىننى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىپ، كەڭ كۆلەملىك خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن ئىكەنلىكىنى، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

«غەرب تاراتقۇلىرى ھەمىشە جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا تېما ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ، مېنىڭچە ئۇلار ھەقىقىي ئەمەس.» خالىر مۇنداق بىلدۈردى: سىز شىنجاڭغا رەسمىي كېلىپ، بۇ يەردىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.