ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى يۈ جيەنخۇا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年07月13日
来源:天山网
【字体:

​خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ جيەنخۇا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر سىڭىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تاموژنا باش مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى، بولۇپمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭدا پورتلار كۆپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش شارائىتى ئەۋزەل، بوشلۇقى كەڭ. تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشىدا، بۇ يىلدىن بۇيان شىنجاڭ پورتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن كۈچى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرى تىزىملىكى قاتارلىق مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پائال ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى، سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېزدىن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشىگە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يۈ جيەنخۇا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، گۈللەپ ياشناش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. تاموژنا باش مەھكىمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، نۇقتىلىق ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقىل تاموژنا قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «ئاقىل تاموژنا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، تاموژنىنىڭ ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاموژنا باش مەھكىمىسى بىلەن «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ئىمزالىدى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تاموژنا باش مەھكىمىسى بىلەن «ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ئىمزالىدى.

تاموژنا باش مەھكىمىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى جاۋ زېڭليەن، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار؛ چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۇن خۇڭمېي، شۆ بىن، لى يۇڭخۇڭ، ياڭ شيۇلى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەم قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.