گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

日期:2023年07月13日
来源:天山网
【字体:

​خۇاڭ كۇنمىڭ، ما شىڭرۇي، ۋاڭ ۋېيجۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، مېڭ فەنلى، جاڭ چۇنلىن پائالىيەتكە قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۇنمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرى لايلىق كەنتىگە كېلىپ سەمەت ئىسمايىل ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۇنمىڭ، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى، گۇاڭدۇڭ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۆلكە - ئاپتونوم رايون سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شېنجېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ فەنلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە جەمئىي 9 مىليارد 931 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 422نى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلاردىن 5123 نەپەرنى ئەۋەتىپ، دىققەتنى شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر شەھىرى، پەيزاۋات ناھىيەسى، كوناشەھەر ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرىگە بېرىپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، گۇاڭدۇڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچىسى، دۇڭچۇنشىڭ گۇرۇھىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ قەشقەر داشۆ، كوناشەھەر ناھىيەلىك مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە قەشقەردىكى دۆلەتلىك رايونلار داۋالاش مەركىزىگە بېرىپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى؛ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى گۇاڭدۇڭ - پەيزاۋات شىنمېي كەسىپلەر باغچىسى ۋە شىنمېي ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چالغۇلار كەنتىگە كېلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم دېھقان ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان يېڭى بىر تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلدى. خۇاڭ كۇنمىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گۇاڭدۇڭنىڭ خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، نۇرغۇن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللار گۇاڭدۇڭنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. ھازىر، گۇاڭدۇڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «1310» كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۇاڭدۇڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتماقتا. گۇاڭدۇڭ باش شۇجى تاپشۇرغان بۇرچ - ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىز يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ گۇاڭدۇڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا جەزمەن زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى گۇاڭدۇڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىنى قەتئىي ياخشى ئورۇندىشىمىز كېرەك. گۇاڭدۇڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن بىلەن بولغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، مەبلەغ ۋە تۈرلەرنى ئاساسىي قاتلامغا ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ قوشىدۇ؛ مەۋقەنى ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ؛ بىڭتۇەننىڭ نوپۇسنى توپلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى، كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى كەسىپ ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت تىرىكىنى پۇختىلاشقا كۈچ قوشىدۇ؛ ھۆكۈمەت ياردىمىنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشى، كارخانىلار ياردىمىنىڭ كۈچ قوشۇشى، كۈچ چىقىرىشى، جەمئىيەت ياردىمىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، چوڭقۇر بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىش، قاتناشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئاشۇرۇشىنى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە دۆلەت ئىچى - خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى قول تۇتۇشۇپ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان بۇرچ - ۋەزىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۈچ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، ئون چوڭ يېڭى بۆسۈشنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت «1310» كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. بولۇپمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، تۈر قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا پائال تۆھپە قوشتى. ھازىر، شىنجاڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتماقتا. بىز باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشى، تەرەققىياتتا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى، ھەمكارلىشىشى - ئالماشتۇرۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ سىجىل كۈچەپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىمىز. كەسىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ «غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش» «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش»تىكى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشىغا تۈرتكە بولىمىز. بازارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى غەربكە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە سىڭىشىمىز. خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلار جەھەتتىكى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، سىجىل تۈردە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، زورايتىشى، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شىنجاڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ۋە ياخشى مۇھىت يارىتىدۇ.

سۆھبەت يىغىنىدا ئەركىن تۇنىياز، شۆ بىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەھۋالى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ۋاڭ ۋېيجۇڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن چېن جيەنۋېن، جاڭ خۇ، چېڭ فۇبو، گو يۇڭخاڭ، شياۋ يافېي، چېن لياڭشيەن، جېڭ كې، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، قادېن كەبىن، ليۇ سۇشې، لى جېنگو، جاڭ ۋېنشېڭ، خا زېڭيوۋ، دوۋ خۇڭيەن قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.