​تۇنجى ئەسىرىم «بەخت پەسلى»دە يېزىلغىنى دەل «ئۆزۈم»

日期:2023年07月13日
来源:天山网
【字体:

نۇرئەلى ياسىن:​

تۇنجى ئەسىرىم «بەخت پەسلى»دە يېزىلغىنى دەل «ئۆزۈم»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۈنشيا

«<بەخت پەسلى> ناملىق رومانىڭىز 7 - نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتىنىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.» تېلېفوندا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان نۇرئەلى ياسىن بىردىنلا ئورۇندۇقتىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى، ھاياجانلانغىنىدىن گەپمۇ قىلالماي قالدى. 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاشۇ دەقىقىنى مۇخبىر بىلەن بىللە ئەسلىگەچ يەنىلا ناھايىتى ھاياجانلاندى.

بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن نۇرئەلى يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى بىر ئادەتتىكى ئائىلىدە تۇغۇلغان، 2009 - يىلى خاڭجوۋ سىفەن داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردى، 2013 - يىلى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، 2017 - يىلى «تيەنجىن شەھىرى بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەيكوۋ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلدى، نۆۋەتتە، شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكومى (شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى)دا ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

«بەخت پەسلى» (ئۇيغۇرچە) ناملىق رومان نۇرئەلىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى باش قەھرىماننىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە باشقا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىغا ئائىت ھېكايىلىرى تەسۋىرلىنىپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىدە بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدەك ھەقىقىي ھېكايە بايان قىلىنغان.

«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىچىك ناھىيە بازىرىدىن دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرگە ئوقۇشقا كېلىشىم ھاياتىمدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى بىزنى تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.» نۇرئەلى مۇنداق دېدى: ئوقۇش جەريانىدا ساۋاقداشلىرىم ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا نۇرغۇن ياردەم بەردى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ھېكايىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدۇق، مەن بۇلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن.

داشۆنى پۈتكۈزگەن شۇ يىلى، نۇرئەلىدە بۇ روماننى ئىجاد قىلىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، بۇ يىللارنى ئەسلىمە ئىچىدىن قەغەزگە كۆچۈرۈپ، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى، ھېس قىلغانلىرى، ئويلىغانلىرىنى ئەينەن يېزىپ چىقماقچى بولدى. نۇرئەلىنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئادىتى بار ئىدى، ئۇ كۈندىلىك خاتىرە ۋە ئالبومىنى ۋاراقلاپ، خاڭجوۋدىكى تۇرمۇشىنى ئەسلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتىنى روماننىڭ تەرەققىيات ۋاقىت لىنىيەسى قىلىپ، مۇشۇ ئاساستا پېرسوناژلار ۋە ۋەقەلىك قۇرۇلمىسىنى تۈزۈپ چىقتى. گەرچە ئاساسىي رامكىسى پۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى رومان يېزىپ باقمىغان، كەسپىي يېزىقچىلىق مەشىقىنىمۇ قوبۇل قىلىپ باقمىغان بولغاچقا، ئىجادىيەت جەريانى ئىنتايىن جاپالىق بولدى.

«بۇ رومان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلىپ تاماملاشقىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش يىل ۋاقىت كەتتى، پەقەت يېزىش ئۈچۈنلا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلدىم.» نۇرئەلى مۇنداق دېدى: يېزىقچىلىق جەريانىدا يولۇققان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىم ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قانداق قىلىپ قەلىمىم ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش بولدى، بەزىدە كومپيۇتېر ئالدىدا بىر كۈن ئولتۇرۇپمۇ بىر بەتمۇ يازالمىدىم، ھەتتا بىرمەھەل ۋاز كېچىش ئويىدا بولدۇم.

يېزىقچىلىق جەريانىدا كۆرۈلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نۇرئەلى كۆپلەپ رومان ئوقۇپ، باشقا يازغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق پىكىر يولىنى ئۆگەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مۇھەررىرلەر بىلەن پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى. بۇ كىتابنىڭ ئارگىنالى پۈتكەندە تەخمىنەن 200 مىڭ خەتلىك بولدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يازغىنى 500 مىڭ خەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئىجادىيەت داۋامىدىكى ئاچچىق - چۈچۈكلەرنى تېتىدى.

2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، نۇرئەلىنىڭ نۇرغۇن يۈرەك قېنى سىڭگەن «بەخت پەسلى» ناملىق رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى ھەم «شىنجاڭدىكى ئەدەبىي ئەسلىي ئىجادىيەت ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى ئەسەرلەر بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى»غا كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە تارقىتىلدى.

ئوبزورچىلار مۇنداق قارىدى: بۇ روماندا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا بېرىپ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپنى قوبۇل قىلىش ھەم ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ھەمدە ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمى يۈكسەك مەدھىيەلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ بەختلىك، يېڭى تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك گۈزەل مەنزىرە تولۇق نامايان قىلىنغان، يۇقىرى ئۆرلەش، ياخشىلىققا ئىنتىلىش، كىشىلەرنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى يارىتىشتا ئاكتىپ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

7 - نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىش بۇ ياش يازغۇچىغا زور ئىلھام بولدى. «مەن يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممەمگە ئېلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئەدەبىيات - سەنئەت كۈچىنى بېغىشلايمەن» دېدى نۇرئەلى.