​كۆپ دۆلەت ئالىملىرى شىنجاڭغا جەم بولۇپ، يېشىل يىپەك يولى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى

日期:2023年07月11日
来源:天山网
【字体:

2023 - يىللىق يىپەك يولىنىڭ ئېكولوگىيە ۋە بايلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى بويىچە خەلقئارا ياش ئالىملار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى​

كۆپ دۆلەت ئالىملىرى شىنجاڭغا جەم بولۇپ، يېشىل يىپەك يولى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 2023 - يىللىق يىپەك يولىنىڭ ئېكولوگىيە ۋە بايلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى بويىچە خەلقئارا ياش ئالىملار مۇنبىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى 35 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق ۋەكىل(210 نەپەر ياش ئالىم، 10 نەپەردىن ئارتۇق جۇڭگو ئىككى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋە چەت ئەللىك ئاكادېمىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىنىڭ پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، يېشىل يىپەك يولى تەرەققىياتىغا ئورتاق كۈچ قوشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شياۋ ۋېنجياۋ، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى دېڭ مىڭجياڭ، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى كومىرچوڭ توجىبايېف، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تاشيول پەن تەتقىقات ئورنى ئاپتوموبىل تىرانسپورت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوۋ ۋېي، شياڭگاڭ داشۆنىڭ ياردەمچى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سېن خاۋجاڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا «ئوتتۇرا ئاسىيادا تېز تاغ ھاسىل بولۇش جەريانى ۋە كان ھاسىل بولۇش رولى» «تۆۋەن كاربونلۇق، يېشىل ۋادى بەرپا قىلىش ۋە كەڭ دائىرىدە ئېكولوگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش» «تىيانشان − خەلقئارا ئۆسۈملۈك ئىلمى تەتقىقات سۇپىسى» «تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش» «تەقلىدىي ھۈجەيرە» دېگەن تېمىلار بويىچە مەخسۇس تېمىدا دوكلات بەردى.

بۇنىڭدىن باشقا، مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا يەنە جۇڭگونىڭ تۇنجى «يېشىل ئېلېكتىرلەشكەن تاشيولى» ۋە يېڭى تىپتىكى زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرى بويىچە پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالاش، خەلقئارا يىپەك يولى پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېڭىلىق يارىتىش بازىسى، پەن - تېخنىكا دىپلوماتلىرى ئائىلىسىگە ۋىۋىسكا بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگودىكى تۇنجى «يېشىل ئېلېكتىرلەشكەن تاشيول» ۋە يېڭى تىپتىكى زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تاشقاتما ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، بوشلۇققا تارتىلىدىغان ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق پويىزنى توك بىلەن تەمىنلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى قىلىنىپ، نېفىتقا تايىنىۋېلىش ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش ئازايتىلىپ، تىرانسپورت ئۈنۈمى ۋە تىرانسپورت كۈچى ئۆستۈرۈلۈپ، تىرانسپورت تەننەرخى تېجىلىپ، يېشىل، ئاقىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۆۋەن تەننەرخلىق ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئامباردا ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ ھەم قاتناش ئەشيا ئوبوروتى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئاقىل قاتناش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدا قۇرغاق رايون ئېكولوگىيە توسۇقى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئارال دېڭىز ۋادىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئىجادىي تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى، قۇرغاق رايون جانلىقلار بايلىقىنى قوغداش - يېتىشتۈرۈش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش، ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىقلىرىنى يېشىل چارلاش، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى «يېشىل ئېلېكتىرلەشكەن تاشيول» ۋە يېڭى تىپتىكى قاتناش - تىرانسپورت تۈرىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن - تېخنىكا دىپلوماتىيەسى مۇلازىمىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق (CAREC) رايونىنىڭ سىغدۇرۇشچان رەقەملىشىشى ۋە رەقەم ھاڭى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئىككى مەيدان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن چاقىرغۇچىسى، دۇنيا ياش ئالىملار باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە باش كاتىپى ۋاڭ مېڭ مۇنداق دېدى: قىسقىغىنا ئىككى ئاي ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق ۋەكىل بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، ئۇلارنى جەلپ قىلغىنى دەل جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مول بايلىقى، ئۆزگىچە رايون ئورنى بولدى. جۇڭگو شىنجاڭ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان تەبىئىي تەجرىبە مەيدانى، تېخىمۇ كۆپ ياش پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا دىققەت قىلىپ، يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېكولوگىيە ۋە بايلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 30غا يېقىن ئورۇننىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشتى.