​يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2023年07月11日
来源:天山网
【字体:

زۇمرەت ئوبۇل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئىلىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تۇلپار مۇزېيى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈچ كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىقلارغا بېرىپ، نىزام چىقىرىش ئارقىلىق خاس كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر بويىچە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «كىچىك دائىرىلىك نىزام» «كىچىك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، جانلىق نىزام» ئارقىلىق نىزام چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداش كېرەك.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ موڭغۇلكۈرە بازىرى توغىلىچىن بۇلاق كەنتى، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ توققۇزتارا بازىرى دېيخۇ مەھەللىسى، قورغاس شەھىرى سانائەت باغچە رايونى كوچا باشقارمىسى قاتارلىق جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقىلىشىش پونكىتىدا، زۇمرەت ئوبۇل ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتى قۇرۇلۇشى، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى ھەم ۋەكىللەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، «ئىككى ئالاقىلىشىش» تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىشىغا دائىر مەزمۇن ۋە شەكىلنى بېيىتىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش، خەلق رايىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى، ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، «ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېما ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»نى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى، توققۇزتارا ناھىيەسى تاشتۆپە يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئورگان»دىن ئىبارەت بەلگىلەنگەن ئورۇن تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى نىڭپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.