​شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇۋاتقان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىدە ئىش باشلاندى

日期:2023年07月11日
来源:天山网
【字体:

ئومۇمىي سېلىنما 11 مىليارد 430 مىليون يۈەن، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 400 مىڭ كىلوۋات​

شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇۋاتقان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىدە ئىش باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، بۇرچىن، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، بۇرچىن ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ، شىنجاڭنىڭ «14 - بەش يىل»دىكى تۇنجى قۇرۇلۇش باشلىشى تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇۋاتقان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى.

بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 11 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقىرىقى سۇ ئامبىرى، تۆۋەنكى سۇ ئامبىرى، سۇ يەتكۈزۈش سىستېمىسى، يەر ئاستى زاۋۇت ئۆيى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 400 مىڭ كىلوۋات. يۇقىرىقى سۇ ئامبىرىنىڭ نورمال سۇ ساقلاش ئورنى 1470 مېتىر، ئومۇمىي ئامبار سىغىمى 8 مىليون 318 مىڭ كۇب مېتىر، ئەڭ چوڭ توسمىنىڭ ئېگىزلىكى 74 مېتىر؛ تۆۋەنكى سۇ ئامبىرىنىڭ نورمال سۇ ساقلاش ئورنى 878 مېتىر، ئەڭ چوڭ توسمىنىڭ ئېگىزلىكى 62 مېتىر، ئومۇمىي ئامبار سىغىمى 7 مىليون 766 مىڭ كۇب مېتىر.

«ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2029 - يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، لايىھەدىكى يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 750 مىليون كىلوۋات سائەت.» شىنخۇا (بۇرچىن) سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى بۇرچىندىكى سۇ ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ بازىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 726 مىڭ 900 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجىگەنگە، 2 مىليون 186 مىڭ 500 توننىغا يېقىن كاربونⅣ ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولىدۇ.

بۇرچىندىكى سۇ ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ بازىدا بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىگە تايىنىپ، 4:1 كۆلەم بويىچە 5 مىليون 600 مىڭ كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيەنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سۇ ئېلېكتىرى، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت ھەمدە يېڭىچە ئېنېرگىيە زاپىسى بىر گەۋدە قىلىنغان 10 مىليون كىلوۋاتلىق يېشىل ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى قۇرۇپ چىقىش پىلانلاندى.

شىنجاڭ شىنخۇا سۇ ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ باۋخۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۈرنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىمىز.

ھازىرغا قەدەر، شىنخۇا سۇ كۈچى ئارقىلىق توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، جەمئىي 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش تىجارەت كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ.