شىنجاڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشتا بۇ ئايدا سېتىۋېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئارقا - ئارقىدىن كۈتۈۋالدى

日期:2023年07月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىدە ئىلگىرىلەش ئوڭۇشلۇق بولۇپ، بازارنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولۇۋېتىپتۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي سېتىۋېلىنغان بۇغداي 641 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 33 مىڭ توننا ئاشقان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، جەمئىي 607 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىش تاماملانغان، شىمالىي شىنجاڭدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىقلارنىڭ سېتىۋېلىش خىزمىتى ئارقا - ئارقىدىن باشلانغان.

سېتىۋېلىش سۇبيېكتىدىن قارىغاندا، يەرلىكتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرى يەنىلا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشتىكى ئاساسلىق قوشۇن بولۇپ، سېتىۋېلىش مىقدارى %80تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى، ئۇنىڭدىن قالسا پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىشى بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %12.6كە يەتتى، سودا كارخانىلىرى، ئاشلىق ۋاسىتىچىلىرى قاتارلىق سۇبيېكتلارمۇ بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشقا پائال قاتناشتى.

ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ ئاشلىق سېتىشى، خاتىرجەم ئاشلىق سېتىشى ئۈچۈن، بۇ يىل، ھەرقايسى جايلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېنىقلاش، ئاپتاپقا سېلىش، قۇرۇتۇش، يىغىپ ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىدى، ئاشلىق يىغىپ ساقلاش كارخانىلىرى ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈردى، تەرتىپنى ئەلالاشتۇردى، سېتىۋېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

«توردا ئالدىن كېلىشىش ئارقىلىق ئاشلىق سېتىشتا ئۆچرەتتە تۇرۇش ھاجەتسىز.» ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى كالتە سۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلىكىم تۇرغۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ئاشلىق سېتىش تەرتىپى قولايلىق ھەم تېز بولدى، ئاشلىق باھاسىمۇ يامان ئەمەس بولدى، ئاشلىق ساتقان پۇلنى تېزلا ئالالايمىز، ئائىلىمىزدىكى بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرام ئەتراپىغا يېتىپ، ھەم ھوسۇلنى ئاشۇردۇق، ھەم كىرىمنى ئاشۇردۇق.

ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق سېتىۋېلىش باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، 3 - دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش باھاسى 2.6 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.07 يۈەن ئۆرلىدى. بۇ ئايدا، شىمالىي شىنجاڭ رايونى سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىسىگە ئارقا - ئارقىدىن قەدەم قويىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش تارماقلىرى مالىيە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، سودا، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن پائال كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ ئاشلىق، ياغ بازىرىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ۋە باھا ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق بازىرى باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار مۇھىتنى ياخشىلاش، سىياسەتنى ئەلالاشتۇرۇش، سۇپا بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك ئاشلىق تىجارىتى ۋە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى پائال بازارغا كىرىپ يېڭى ئاشلىق سېتىۋېلىشقا يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار ئاكتىپ سېتىۋالىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى سىجىل مۇستەھكەملەيدۇ، يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.