تىرىشىپ زامانىۋى كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رايونى بەرپا قىلىش كېرەك

日期:2023年07月11日
来源:天山网
【字体:

​− شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى «ئادەمسىز دېھقانچىلىق مەيدانى»دا يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك ئاسرىغۇچى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بوشلۇقتا توختاپ، مول ھوسۇل ئېلىش ئۈمىدىنى يەتكۈزۈۋاتاتتى؛ چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قۇم تىزگىنلەش بازىسىدىكى 130 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پۈركۈپ سۇغىرىش ئاسما يەلكىسى ھەر يەتتە سائەتتە بىر يېشىل مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقىۋاتاتتى؛ تۇرپان ئويمانلىقىدىكى 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە كارىزدىن تىيانشاننىڭ قار سۇلىرى ئېقىپ، بوستانلىقتىكى 100 مىڭ مو مۇنبەت ئېتىزنى سۇغىرىۋاتاتتى؛ ئارا تۆرۈك ناھىيەسىدە پولات - تۆمۈر رەڭگىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرى رەت - رەت قەد كۆتۈرۈپ، تۇپراقتا زامانىۋى سانائەت تەرەققىياتىنىڭ يۆگىمە رەسىمىنى يايماقتا ئىدى...

يېقىندا، «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ باش تېمىلىق زىيارەت ئۆمىكى شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدىكى تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، نەق مەيداندا ئۈچ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تەجرىبە يارقىن نۇقتىلىرى، تەدبىر مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، زىيارەت قىلدى. شەرقىي تىيانشاندىن ھالقىپ، 3000 چاقىرىم يول يۈرۈپ، زىيارەت ئۆمىكى قەلەم ۋە كامېرا ئارقىلىق شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، زامانىۋى كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رايونى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۆرۈنۈشلىرىنى خاتىرىلىدى.

غەيرەت تولۇپ تاشتى، شەرقىي شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى

تۇرپانغا كەلگەندە، 40 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا كىشىگە «ئوت يۇرتى»نىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى.

تېمپېراتۇرىدىنمۇ يۇقىرى بولغىنى تۇرپان شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى غەيرىتى ئىدى.

− مىڭ يىللىق «ئىسسىقلىق باش قېتىنچىلىقى» ھازىرقى زاماندىكى «ئىسسىقلىق ئىقتىسادى»غا ئايلاندى. يالقۇنتاغ يېنىدا ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش، ئۆلچەش مەركىزى تەجرىبە مەيدانى قۇرۇلدى؛ شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك ئالىي مەكتەپلىرى، تېخنىكوملار، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى تۇرپانغا كېلىپ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا سىنىقىنى قانات يايدۇردى؛ قۇم بىلەن داۋالاش كەسپى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قىزىپ كەتتى.

− باغۋەنچىلىك بىلەن ساياھەتچىلىك يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ئۈزۈمچىلىك كەسپى ئېچىتىش، ساياھەت، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىپ كۆپ نۇقتىدىن تەرەققىي قىلدى، «تۇرپان ئۈزۈمى» ماركىسىنىڭ مەدەنىيەت تۈسى تېخىمۇ قويۇق، قىممىتى تېخىمۇ يېتەرلىك، ماركا كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

− «سانائەتلەشكەن تۇرپان» ئوبرازى بارغانسېرى روشەنلەشتى. كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەر يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 30 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشماقتا؛ كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتى؛ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، جابدۇق ياسىمىچىلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى؛ نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتىدا زاپاس مىقدارنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«بۇ يىل 1 - پەسىلدە، تۇرپان شەھىرىنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %9.8 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى سەپتە تۇردى» دېدى تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى تاڭ خۇڭجيې.

6 - ئايدا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرنى قاپلىدى، بۇغداي باشاقلىرى تولۇق دان تۇتتى، كېۋەز مايسىلىرى ساغلام ئۆستى. كورلا شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا خىمىيەلىك تالا، ئولېفىن، خىمىيە سانائىتى يۇقىرى دەرىجىلىك يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى؛ كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، ھەرقايسى سانائەت كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولدى؛ چاقىلىق ناھىيەسى يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچە رايونىدا، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان، لىتىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى؛ بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق باغچىسى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولدى.

«بىز غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، قېتىرقىنىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، خاس كەسىپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، تىجارەت - سودا تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، بايىنغولىن ئوبلاستى خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭىمىز» دېدى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رېن گۇاڭپېڭ.

كەسىپلەر گۈللەندى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئاشۇرۇلدى

دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى يۈرۈش 100 مىڭ توننا دەرىجىلىك كۆمۈر ئاساسىدىكى مېتىل ئالكوگول − ئاتسېتاتتىن مېتىل مىتاكرىلات (MMA) ئېلىش تۈرى بويىچە سانائەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلمىسى، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى كوكس پېچىدا كۆمۈر گازىدىن ئېتىلېن گىلىكول ئېلىش سانائەت قۇرۇلمىسى، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا مېتانول بىلەن VOCs (پارلىنىشچان ئورگانىك ماددىلار)نى يۇيۇش، قالدۇق گازنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى...

ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىدا، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى. قومۇل شەھىرى ئارا تۆرۈك سانائەت باغچە رايونى نوم ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسىغا كىرگەندە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىدىكى تۈرلۈك «بىرىنچى»لەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

قومۇل شەھىرى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم كۆمۈردىن ماي - گاز ئېلىش بازىسى، پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىدە ھەر يىلى ھەزىم قىلىنغان كۆمۈر 30 مىليون 700 مىڭ توننىغا يەتتى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوللىنىش قومۇلنىڭ زامانىۋى سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىدىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

«يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بىز شىنجاڭ تىتاننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قۇردۇق، جەمئىي قانات يايدۇرۇلغان پەن تەتقىقات تۈرى 32 بولۇپ، پەن تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسى 50 مىليون يۈەندىن ئاشتى، كەشپىيات، ئەمەلىي قوللىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنت تۈرىدىن 120 تۈرگە ئىلتىماس قىلدۇق، كەشپىيات پاتېنتى ھوقۇقى بېرىلىدىغان ئىككى تۈرنى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق.» قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى شياڭ ياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2022 - يىلى، شىركىتىمىزنىڭ بۇلۇتسىمان تىتان مەھسۇلات مىقدارى يەرشارى بويىچە 2 - ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، تىتان ماتېرىيالى مەھسۇلات مىقدارى يەرشارى بويىچە 3 - ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى.

«قومۇل شەھىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگىسى بولۇشقا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە شەھەر، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە شەھەر قۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.» قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ما ۋېنيۈ مۇنداق دېدى: ھازىر، قومۇل شەھىرى زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ئالتە چوڭ يېتەكچى كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرمەكتە، «قومۇل شەھىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا قەدەم ئالدى، ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى».

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى.

6 - ئاي، لوپنۇر ناھىيەسى، بايىنغولىن ئوبلاستى جىفېي يېزا ئىگىلىك ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بەرپا قىلغان 3000 مو ئادەمسىز «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تە، كېۋەز مايسىلىرى تەكشى، ساغلام ئۆسكەن بولۇپ، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

2021 - يىلىدىن ھازىرغىچە، باش شىركەت «گۇاڭجوۋ جىفېي»نىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق قوللىشىدا، بايىنغولىن ئوبلاستى جىفېي يېزا ئىگىلىك ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تە بىر قاتار ئىلغار ئۇچۇرلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ئاپتوماتلاشقان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى يولغا قويدى: «كېۋەز بىلەن بۇغداينى ئايرىپ تېرىش»تا «كىچىك تىپتىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئىستىھكامى» ياسىلىپ بوران ئاپىتىنىڭ ئالدى ئېلىندى؛ نەرسە تورى ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن كېۋەزلىكنىڭ مۇھىت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، پۈتۈن مۇساپىلىك ئۇچۇپ ئالدىنى ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ يىراقتىن سېزىدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن ئېتىزلار چارلىنىپ، ئوت ئوتاش مەشغۇلات خەرىتىسى تۈزۈلۈپ، ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش نىسبىتى %98كە يەتكۈزۈلدى؛ يىراقتىن سېزىدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش تېخنىكىسىغا ئاساسەن، بىر كۈندە 3000 مو كېۋەز تۈپىنىڭ ئېگىزلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى تاماملىغىلى بولىدۇ؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىدا ئومۇميۈزلۈك سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنىڭ تەكشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى ھەم دەل جايىدا مىقدارىنى ئازايتىش، ئوغۇتلاشنى ئازايتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى...

«بىر يۈرۈش <بىرىكمە مۇشت>نى ئېتىش ئارقىلىق، ھەربىر تۈپ كېۋەز مايسىسى كېۋەز تۈپىنىڭ سانلىق مەلۇماتى خاتىرىلەندى، ھەربىر پارچە يەرنى دەل جايىدا پەرۋىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 2022 - يىلى، <دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك>تىن 3 مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىندى» دېدى «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»نىڭ باش باشقۇرغۇچىسى ئەي خەيپېڭ.

تۆھپە قوشۇشتا بەسلىشىش، كۈرەش قىلغان قىياپەت ئەڭ تەسىرلىك

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى توبۇشيې يايلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە، كەڭلىكى 60 مېتىر، ھەربىر پارچىسىنىڭ كۆلىمى 1 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئوت - چۆپ كاتەكچىلىرى يول ياقىسىنى بويلاپ يىراققا سوزۇلغانىدى. ئوت - چۆپ كاتەكچىلىرىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا، لوپنۇر كەندىرى مايسىلىرى شامالدا ئىرغاڭلاپ تۇراتتى.

«بۇ ئوت - چۆپ كاتەكچىلىرىنى مەركىزىمىزدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر قومۇش بىلەن باغلاپ بولغاندىن كېيىن، گۈرجەك بىلەن ئېرىق ئېچىپ، قۇمغا بىر - بىرلەپ دەسسەپ كىرگۈزگەن» دېدى لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلقەم قاسىم.

قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە تۇرۇپ، بوشلۇققا تۇتاشقان ئوت - چۆپ كاتەكچىلىرىگە نەزەر سالغاندا، ئىختىيارسىز ھالدا بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ھۆرمەت قوزغىلىدۇ.

توبۇشيې يايلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى لوپنۇر ناھىيە بازىرىغا 73 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە يېقىن. 2022 - يىلى، بۇ مەركەزدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇملۇقتا تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قۇرغاق ئىسسىق شامال، قۇم - بوران قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 11 مىڭ مو يەرگە لوپنۇر كەندىرى تېرىپ ئەي قىلدى، بۇ يىل تېرىلغۇ كۆلىمىنى 13 مىڭ موغا يەتكۈزۈش پىلانلاندى.

«لوپنۇر ناھىيەسىدە 160 مىڭ مو يەردە ياۋا لوپنۇر كەندىرى بار، نۆۋەتتە، لوپنۇر كەندىرى ھەسىلى، لوپنۇر كەندىرى چېيى، لوپنۇر كەندىرى تالاسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلاردا كەسىپلەشتۈرۈش شەكىللەنمەكتە. بىز قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنى بىرلەشتۈردۇق، بۇنىڭدىن كېيىن قۇملۇق بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى خەزىنىمىز بولۇپ قالىدۇ» دېدى ئەلقەم قاسىم.

قۇمغا توسۇپ زەربە بېرىلدى، قۇم دېڭىزىغا يۈرۈش قىلىندى، چەرچەنلىكلەر نەچچە ئون يىل كۈرەش قىلدى.

«بىز قۇملۇقتا كۆچەت تىكىشنىڭ تەسلىكىنى بۇرۇنلا بىلەتتۇق، لېكىن بىز يەنىلا كەلدۇق.» بۇ قۇمنى تىزگىنلەش بازىسىدا، بىر «كونا ئەسكەرلەر قۇم تىزگىنلەش ئېكولوگىيە ئورمىنى» بار بولۇپ، تيەن يې، جاڭ خۇڭ قاتارلىق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئون ھەربىي بەش يىل سەرپ قىلىپ قۇرۇپ چىققان.

ئورمان كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشتى، توغراق، يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىق ئون نەچچە خىل قۇملۇقتا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك تېرىلىپ، ئەي بولۇش نىسبىتى %85تىن يۇقىرى بولدى. كونا ئەسكەرلەر مۇنداق دېدى: گازارمىدا، بىز پولات سەددىچىن سېپىلىنىڭ بىر قىسمى. ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن، بىز يەنە قۇملۇقتا بىر يېڭى «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» بەرپا قىلىمىز.