​بۇلۇتلار ئارىسىدىكى تىيانشاننى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ سىزدى

日期:2023年07月11日
来源:天山网
【字体:

ئەلىجان:

​بۇلۇتلار ئارىسىدىكى تىيانشاننى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ سىزدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

7 - نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىدە، گۈزەل - سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەلىجان مەمەتنىڭ «تىيانشاندا مېنىڭ ئۆيۈم بار» ناملىق جۇڭگوچە رەسىم ئەسىرى بار.

بۈك - باراقسان قارىغايزارلىق، كۆز يەتكۈسىز بۇلۇت دېڭىزى، تاغ ئارىسىدىكى چىغىر يولدا چارۋىچىلار كالا پادىلىرىنى ھەيدەپ، شاد - خۇراملىققا چۆمگەنىدى. بۇ جۇڭگوچە رەسىم ئەسىرىنى كۆرگەندە، رەسىمدە ئىپادىلەنگەن شېئىرىي تۈسنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. «بۇ مېنىڭ يۇرتۇم ئىلى. مەن بۇلۇتلار ئارىسىدىكى تىيانشاننى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ سىزدىم» دېدى 52 ياشلىق بۇ رەسسام ئىپتىخارلانغان ھالدا. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 9 - قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، شىنجاڭ گۈزەل - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەلىجان مەمەت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ يۇرتى كۈنەس ناھىيەسى بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا چارۋىچىلىق رايونىدا ياشىغانىدى. «ھەر يىلى 4 -، 5 - ئايلاردا، ئائىلە بويىچە تاغدىكى يازلىق يايلاققا كۆچۈپ بېرىپ بەش - ئالتە ئاي تۇرىمىز؛ 10 - ئاي يېقىنلاشقاندا، يەنە كۈزلۈك يايلاققا قايتىپ كېلىمىز. <تىيانشاندا مېنىڭ ئۆيۈم بار> دېگەن رەسىمدە سىزغىنىم دەل يايلاق كۆچۈش يولى» دېدى ئەلىجان. 2019 - يىلى، مەملىكەتلىك گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئەسەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلدى، «كىچىك چاغلىرىمدىكى يۇرتۇم توغرىسىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەر يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۈچەيدى، سەنئەت جەھەتتىن تاۋلىنىش ئارقىلىق، مېنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامىمنىڭ بۇلىقىغا ئايلاندى».

ئەلىجان شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگوچە رەسىم كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاساسلىقى تاغ - دەريا رەسىملىرىنى سىزىدۇ. جۇڭگوچە رەسىمدە ئۇستاز ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ئۇ ئىلگىرى جۇڭگوچە رەسىم ئۇستازى خۇاڭ بىڭخۇڭنىڭ نەپىس، گۈزەل، ئىدىيەسى چوڭقۇر سەنئەت دۇنياسىغا مەپتۇن بولغان، كېيىن يەنە «چاڭئەنچە رەسساملىق ئېقىمى» ئۇستازى جاۋ ۋاڭيۈنگە بېرىلىپ ئەگەشكەن. جاۋ ۋاڭيۈن «چاڭئەنچە رەسساملىق ئېقىمى»غا ئاساس سالغۇچى، داڭلىق جۇڭگوچە رەسىم رەسسامى خۇاڭ جوۋ بىلەن شۈ شۇجىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پەخىرلىنىدىغان شاگىرتلىرى. شۈ شۇجى كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا شىنجاڭ رەسساملار ئورنىدا خىزمەت قىلغان.

«شۈ شۇجىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرسەملا ناھايىتى يېقىملىق ھېس قىلىمەن. گەرچە ئۇنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن خۇددى قەدىناس دوستلاردەكلا ئويلايمەن. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىنتايىن تونۇشلۇق. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان» دېدى ئەلىجان.

جۇڭگوچە رەسىم شېئىر، ھۆسنخەت، رەسىم، تامغىنىڭ بىر گەۋدە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەلىجان مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ داشۆدىكى چاغلىرىدىن باشلاپلا خەتتاتلىقنى مەشىق قىلغانلىقىنى، ھازىرغىچە توختىتىپ قويمىغانلىقىنى ئېيتتى. «مەن ئىزچىل يەن جېنچىڭدىن ئۆگىنىۋاتىمەن، ئۇنىڭ خېتى سىپتا، رەڭدار، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، مېنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىغا بولغان تۇيغۇلىرىم بىلەن ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.» بۇنىڭدىن باشقا، ئەلىجان يەنە قەدىمكىلەرنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقى مەدھىيەلەنگەن داڭلىق ئەسەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگەندى، «جۇڭگوچە رەسىمگە مەپتۇن بولغاچقا، ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئالدىم. مېنىڭ تاڭ شېئىرلىرى، سۇڭ نەزمىلىرىنى ئوقۇۋاتقىنىمغا 20 نەچچە يىل بولدى، ھەممىدىن لى بەينىڭ رومانتىك، مەردانىلىقىنى ياخشى كۆرىمەن».

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قەلىمىدىكى رەسىم ئۇسلۇبىنى يېتىلدۈردى. ئۇنىڭ رەسىملىرى ھەم پۇختا خەتتاتلىق ئاساسىنى نامايان قىلغان، ھەم ئەركىن، سالماق پۇراققا تولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قاقاس چۆللەر زىيادە كۆپ ئەمەس، بار بولغاندىمۇ «چېگرا رايوننىڭ ھەممىلا يېرى جياڭنەندىن قېلىشمايدۇ» دېگەندەك نەپىس گۈزەللىك. «تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسى يامغۇر ۋە تۇمانلار بىلەن قاپلانغان، خۇددى نېپىز يىپەك شايىدەك بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرىدۇ، ھاۋارايى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ساپ تۇيغۇ كىشىگە ھۇزۇر بېرىدۇ.» ئەلىجان مۇنداق دېدى: «بۇ، كىچىك چاغلىرىمدا ماڭا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ۋە مەن قىزغىن سۆيىدىغان مەنزىرە، شۇنداقلا مېنىڭ ئەسەرلىرىمدە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيە مەنزىلى».

ئىجادىيەت جەريانىدا ئۇ تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قالدۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، «ئەسەردە <تەسەۋۋۇر بوشلۇقى> بولغاندىلا، ئاندىن ھۇزۇرى بولىدۇ. مېنىڭ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەسەۋۋۇر بوشلۇقى بەرگۈم بار.» ئەلىجاننىڭ تىرىشىپ قەلىمى بىلەن ياراتقان شېئىرىي مەنىگە تولغان تىيانشان بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. بىر ئوبزورچى ئەلىجاننىڭ ئەسەرلىرىنى: «چىن ھېسسىياتقا تولغان، ئاددىي - ساددا، شېئىرىي تۇيغۇغا باي» دەپ ماختىدى.

شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئەلىجان ھەر يىلى يۇرتىغا قايتىپ رەسىم سىزىدۇ، ئۇ يەنە دائىم شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى رەسساملارنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ. «ھازىر دۆلەت ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، يۇرتىمىز بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتىدۇ؛ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلار كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىۋاتىدۇ، ئىلگىرى بىر مەنزىرە نۇقتىسىغا بېرىش ئۈچۈن ئاتلىق بەش - ئالتە كۈن مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر ئاپتوموبىل بىلەن ناھايىتى تېزلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. كىشىلەر يەنە ئۆي ئاپتوموبىل ھەيدەپ، مەنزىرە رايونىدا <قونالايدۇ>» دېدى ئەلىجان ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۇ ئىزچىل جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋر رەسساملىق نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىپ كەلدى، جۇڭگوچە رەسىم ئۇستازى شى تاۋنىڭ «قەلەم دەۋرگە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك» دېگەن قارىشى ئەلىجاننىڭ ئىجادىيەت كۆرسەتمىسىگە ئايلاندى. «سەنئەت ئەسەرلىرىگە دەۋر روھى سىڭدۈرۈلگەندىلا تېخىمۇ تەسىرچانلىققا ئىگە بولىدۇ. مەن رەسىم قەلىمى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئىپادىلەيمەن، يۇرتۇمغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەيمەن».

ئەلىجان مۇخبىرغا، ئۇنىڭ جۇڭگو تاغ - دەريالىرى رەسىملەر توپلىمى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق ئەدەبىيات - سەنئەتنى يۆلەش - رىغبەتلەندۈرۈش مەبلەغ تۈرىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى، «بۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن تەلەيلىك ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ مېنى تېخىمۇ تىرىشىپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى».