تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن تەرجىمە قىلدىم

日期:2023年07月10日
来源:天山网
【字体:

توقتوغۇل ماماتقابىل:

تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن تەرجىمە قىلدىم

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ

«مەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلدىم» دېدى 7 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى توقتوغۇل ماماتقابىل.

توقتوغۇل «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى قىرغىز يېزىقى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى. بۇ يىل 5 ـ ئايدا، ئۇ تەرجىمە قىلغان ئەدەبىي ئاخبارات «ۋەتەن چېگراسىدىكى ئاپتاپپەرەس: <خەلق نەمۇنىچىسى> بۇرماقان مولدو ھەققىدە ھېكايە» 7 ـ نۆۋەتلىك «تىيانشان ئەدەبىيات ـ سەنئەت مۇكاپاتى»نىڭ ئەدەبىي تەرجىمە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بۇ ئەسەردە ئاساسلىقى «خەلق نەمۇنىچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن بۇرماقان مولدونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، 50 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، چېگرانى چارلىغان، چېگرانى قوغدىغان ئىلغار ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان. «مەن قىرغىز مىللىتىدىن، بۇرماقان ئانا ياشىغان جايدا چوڭ بولغان، ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، تەبىئەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى ناھايىتى پىششىق بىلىمەن.» توقتوغۇل مۇنداق دېدى: بۇرماقان ئانىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، مەن ئىنتايىن پەخىرلەندىم، «نەمۇنىلىك شەخسلەر ئەتراپىمدىلا ياشاۋاتىدۇ!»

بۇرماقان ئانىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى يەنىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن، توقتوغۇل ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك «ۋەتەن قەلبىمدە . ۋەتەنپەرۋەرلىك نەمۇنىچىسى بۇرماقان مولدو ھەققىدە خاتىرە» ناملىق تەرجىمىھالنى تېپىپ ئەستايىدىل ئوقۇدى. «بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مەن موماينىڭ ئىش ئىزلىرىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشەندىم، بۇ <تىرىك چېگرا تېشى>غا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ كۈچەيدى» دېدى ئۇ.

2020 ـ يىلى، «ۋەتەن چېگراسىدىكى ئاپتاپپەرەس: <خەلق نەمۇنىچىسى> بۇرماقان مولدو ھەققىدە ھېكايە»نىڭ تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان توقتوغۇل تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن ئەڭ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تەرجىمە تىلى ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنىڭ قەلبىدىكى چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببەتنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇرماقان ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي چېتىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە ئۆتكۈزگەن، چېگرا چارلايدىغان تاغ يولىدا 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى 100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق چوڭ ـ كىچىك تاغ تاشلىرىغا ئۆز قولى بىلەن «جۇڭگو تېشى» دېگەن خەتنى ئويۇپ چىققانىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن توقتوغۇل ئۆزىنىڭ تەرجىمە ئەسىرىدە «جۇڭگو تېشى» ھەققىدىكى ھېكايىنى تىلغا ئالغاندا، بۇرماقاننىڭ بېيجىڭغا مۇكاپات ئالغىلى بارغاندىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشىنى تەرجىمىدە ئالايىتەن كېڭەيتكەن. تەرجىمىدە مۇنداق يازدى: «بۇرماقان ئانا بېيجىڭدا مېھمانخانىدا تۇرغاندا، خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ ئويغىنىغا تەقلىد قىلىنغان بىر پارچە <جۇڭگو تېشى>نى ئۇنىڭ ياتىقىغا ئالايىتەن قويۇپ قويدى. ئۇ ياتاققا كىرىپ بۇ <جۇڭگو تېشى>نى كۆرگەندە، ئىككى قولى بىلەن ئۇنى سىلاپ قاتتىق ھاياجانلاندى».

«بۇرماقان ئانىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش مېنىڭ بىر تەرجىمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن يەنە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ <خەلق نەمۇنىچىسى> بۇرماقان مولدو ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى تېخىمۇ يىراقلارغا تارقىتىمەن، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىمەن» دېدى توقتوغۇل.