«مەن بۇ جايدا كەسىپتە ئاز ـ تولا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم، قەلبىم ئىشەنچكە تولدى»

日期:2023年07月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

«شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، مېۋە ـ چېۋىلىرى ئەڭ يېيىشلىك، تېز كېلىپ مېۋە ـ چېۋىلەرنى قانغۇچە يەپ كېتىڭ!»

«كۆپچىلىكنىڭ كېلىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى رىتىمى ئاستا تۇرمۇشنى ھېس قىلىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز».

«بالىلار قەدىمىي شەھەرنى تېخىمۇ سۆيۈملۈك، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى».

...

ۋاڭ ۋېينىڭ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىنى ئېچىپ كۆرگەندە، ھەممىسى ئۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ھەمبەھرىلىگەن قىسقا ھېكايىلەر ئىدى.

2021 ـ يىلى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە زىيارەتتە بولغاندا، جېڭجوۋدىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ ئائىلىۋى قونالغۇ ئاچقان بۇ قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم. ئارىدىن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ ۋاڭ ۋېي بىلەن قايتا ئۇچراشقىنىمدا، ئۇنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم تېخىمۇ جىلۋىلەندى.

«قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مېنىڭ روھىي ھارغىنلىقىمنى تۈگەتتى» دېدى 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ئائىلىۋى قونالغۇسىنى تازىلاۋاتقان ۋاڭ ۋېي.

جېڭجوۋ بىلەن قەشقەرنىڭ ئارىلىقى 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ، بۇ رىشتە تۆت يىل ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق ساياھەتتىن باشلانغانىدى.

«2019 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، مەن ئالتايدا ساياھەت قىلىۋاتقاندا شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قەشقەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ناھايىتى ھاياجانلاندىم. 11 ـ ئايدا، دەل دەم ئېلىشىم بولغاچقا، ھېچقانداق ساياھەت ئىستراتېگىيەسى تۈزمەيلا، دوستۇم ئىككىمىز قەشقەرگە كەلدۇق» دېدى ۋاڭ ۋېي.

قەشقەردە ساياھەت قىلغان تۆت كۈندە، ۋاڭ ۋېي ئىزچىل قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئايلىنىپ يۈردى، «بۇ يەرنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى، يەنە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيەسى قەلبىمنى لەرزىگە سالدى، مەن بەك ياقتۇرۇپ قالدىم».

قايتىدىغان كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۇخادىن چىقمىغان ۋاڭ ۋېي يەنە بىر قېتىم قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلدى، مېڭىپ يۈرۈپ ئىختىيارسىز شۇ چاغدا دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىۋاتقان باغچە كوچىسىغا كېلىپ قالدى. «كوچا بويىدىكى نۇرغۇن تۇرالغۇنىڭ ئىجارىگە بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر داڭقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چىقىشىغا ئەگىشىپ بۇ جاينىڭ قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.» ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: پەقەت ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپلا بىر تۇرالغۇنى ئىجارىگە ئالدىم.

شۇ يىلى 12 ـ ئايدا، ۋاڭ ۋېي يەنە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، يەنە بىر تۇرالغۇنى ئىجارىگە ئالدى. 2020 ـ يىلى 5 ـ ئايدا ئۇ خىزمىتىدىن رەسمىي ئىستېپا بېرىپ، قەشقەرگە كېلىپ قەدىمىي شەھەردىكى ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىدى.

«ھەممە نەرسە ناتونۇش، ئائىلىۋى قونالغۇنى بېزەش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم، لېكىن بۇ جەرياندا، مەيلى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئائىلىۋى قونالغۇ باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى بولسۇن، ياكى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بولسۇن، ھەممىسى ماڭا بەك كۆپ ياردەم قىلدى» دېدى ۋاڭ ۋېي.

قوشنا ئولتۇرىدىغان موماي ئۇ ئائىلىۋى قونالغۇنى بېزەشكە باشلىغاندىن تارتىپ بەك كۆڭۈل بۆلدى. پات ـ پات كېلىپ بېزەش سۈرئىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىشىك ـ دېرىزىلىرىنى تاقاپ، بېزەش ماتېرىياللىرىغا قاراپ قويدى. موماي يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا داستىخان، ئورۇندۇق سېلىنچىسى تىكىپ بەردى، ئۇنىڭ تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن گۈل سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، تەشتەكنىڭ بەك كىچىك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆيىدىن چوڭ تەشتەكنى كۆتۈرۈپ كېلىپ تەشتەكنى، توپىسىنى ئالماشتۇرۇشىغا ياردەملەشتى.

ئائىلىۋى قونالغۇ، قەھۋەخانا ئاچقان نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە، ۋاڭ ۋېي قەشقەر قەدىمىي شەھىرى باغچە كوچىسىدا يىلتىز تارتتى.

«مەن ئىلگىرى بىر تور شىركىتىدە ئىشلەيتتىم، خىزمەت رىتىمىم ناھايىتى تېز، بېسىمىممۇ ئېغىر ئىدى، لېكىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن، ھەممە نەرسىنى گۈزەل ھېس قىلدىم، رىتىمى ئاستا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، قوشنىلار، ساياھەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، غەملىرىم كۆتۈرۈلدى» دېدى ۋاڭ ۋېي.

ۋاڭ ۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، مەن چەت ئەلگە چىقىپ بىر مەزگىل ساياھەت قىلدىم، جېڭجوۋغا قايتىپ ئاتا ـ ئانام بىلەن قىسقا ۋاقىت جەم بولغاندىن كېيىن، ئالدىراپلا قەشقەرگە قايتىپ كەلدىم. «نۇرغۇن كىشى مېنى بۇ يەردىكى ئىشنىڭ غېمىنى يېدى دەپ قارىدى، ئەمەلىيەتتە مەن بۇ يەردىكى كىشىلەرنى تېخىمۇ سېغىندىم.» ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: مەن چامادىنىمنى سۆرەپ باغچە كوچىسىغا كىرگەندە، قوشنا ئولتۇرىدىغان موماينىڭ مېنى كۆرگەندىكى تۇنجى ئىنكاسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ مېنى قۇچاقلاش بولدى. «ئىلگىرىكى ناتونۇش ئادەم، قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئادەم ماڭا تۇغقانلاردەك ئىللىقلىق بېغىشلىدى» دېدى ۋاڭ ۋېي.

«ۋاڭ ئاچا ياخشىمۇسىز!» «ۋاڭ ئاچا، بۈگۈن ماڭا نېمە ئۆگىتىسىز؟» «ۋاڭ ئاچا بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ تاماق يەڭ.» ... زىيارەت جەريانىدا، بالىلار پات ـ پات ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ۋاڭ ۋېينى چاقىرىپ تۇردى.

«ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بۇ يەردىكى كىچىك ئاداشلىرىم، ئادەتتە دائىم ئائىلىۋى قونالغۇغا كېلىپ ئوينايدۇ، مەن يەنە ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىمەن.» ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بەزى ئاتا ـ ئانىلارنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بولغاچقا، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويىمەن.

«قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ داڭقى بارغانسېرى چىقتى، قەدىمىي شەھەردىكى بىر قىسىم كوچا ـ يوللار ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، داكا قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرى كۆپەيدى، مۇھىت تېخىمۇ ياخشىلاندى، كېلىدىغانلارمۇ كۆپەيدى، مېنىڭ ئائىلىۋى قونالغۇمنىڭ نامىمۇ چىقىپ قالدى.» ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: قەدىمىي شەھەردىكى تۇرمۇشۇم ئارامبەخش، مەن بۇ جايدا كەسىپتە ئاز ـ تولا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم، قەلبىم ئىشەنچكە تولدى، بۇلار مەندە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان تەسىرات.