2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باش تېمىلىق كۆرەك ـ مۇسابىقە پائالىيىتى باشلاندى

日期:2023年07月10日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، 2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باش تېمىلىق كۆرەك ـ مۇسابىقە پائالىيىتى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئورگان، ئورۇنلاردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق ئورۇن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قادېن كەبىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

باش تېمىلىق كۆرەك ـ مۇسابىقە پائالىيىتىدە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەرقايسى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ جان تىكىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى قىياپىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇش، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسەت قىلىنغان.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر چوڭ تىپتىكى ناخشا ـ ئۇسسۇل ۋە تەيجى گۇمپىسى ئورۇنلىدى، تەنھەرىكەت كوللېكتىپ گىمناستىكىسى قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى كۆرسىتىلدى، ئارقىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا رادىيو گىمناستىكىسى، تىكتاك توپ، پەي توپ، سۇ ئۈزۈش، قىزىقارلىق تۈرلەر، ۋاسكېتبول قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇسابىقە 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، جەمئىي 18 چوڭ تۈر، 48 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان.