ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭدىكى ئىككى پورتتا قاتنىغان نۆۋەتچى پويىز سانى، مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى قوش ئاشتى

日期:2023年07月10日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئالاتاۋ ۋە قورغاس پورتىدا چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 7160 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشقان؛ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى 12 مىليون 301 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشقان.

تۆمۈريول ئىككى پورتىدا قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى سانى ۋە مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنىڭ قوش ئېشىشىنى شىنجاڭنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا ئېھتىياجىنىڭ تېز ئاشقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى بەش ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 125 مىليارد 60 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %85.9 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 81.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن 100 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 3296 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشتى؛ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى 7 مىليون 18 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.5 ئاشتى. قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 3864 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.8 ئاشتى؛ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى 5 مىليون 283 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.4 ئاشتى.

تېز ئېشىۋاتقان تىرانسپورت ئېھتىياجىغا قارىتا، ئالاتاۋ ۋوگزالى ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، يۈرۈش، يۈك توشۇش، قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش، ئارىلىق ۋوگزال بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە مېخانىزمنى شەكىللەندۈردى. قورغاس ۋوگزالى نۆۋەتچى پويىز تىرانسپورتىنى تەشكىللەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، نۆۋەتچى پويىز قاتناش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تۈزۈپ، پويىزلارنى ئۈزۈلدۈرمەي كۈتۈۋېلىش، يولغا سېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.